سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئۇكرائىناغا چەت ئەل ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرشنى رەت قىلدى
موسكۋا كىيېۋ بىلەن بولىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنلارغا بولغان ئۈمىدنى سۇسلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، 2022-يىلىدىكى ئىستانبۇل كېلىشىمىنى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئاساسى دەپ كۆرسەتتى.
رۇسىيە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە ئۇكرائىناغا چەت ئەل ئەسكەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرشنى رەت قىلدى
پېسكوڤ 2022-يىلى ئىستانبولدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرى رامكىسىدا ئۇكرائىنانىڭ بارلىق خەۋپسىزلىك كاپالەتلىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. (رويتېرز) / Reuters

كرېمىل سارىيى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا چەت ئەل ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىناغا بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ھەر قانداق يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتتىن بۇرۇن يەنىلا مۇھىم بولغان ئاساسلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ بايانات 26 دۆلەتنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇكرائىناغا خەلقئارالىق قوشۇنلارنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە بىخەتەرلىك كاپالىتى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغىنىدىن بىر كۈن كېيىن ئېلان قىلىندى.

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ ۋلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرق ئىقتىسادىي مۇنبىرى» دائىرىسىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رىئا خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ: «ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى چەت ئەل، بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى تەمىنلىيەلەمدۇ؟ قەتئىي شەكىلدە ياق» دېدېدى.

پېسكوۋ: «بۇ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئۇكرائىنا بىخەتەرلىك كاپالىتى بولالمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇش تىرىشچانلىقىغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى فېۋرالدىكى ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشقا يېقىنلاشقانلىقىغا دائىر ئالامەتلەر ناھايىتى ئاز كۆرۈلمەكتە.

پېسكوۋ ئۇكرائىنا ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنىڭ 2022-يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبىتى رامكىسىدا ئاللىقاچان مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ تەكلىپتە ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇش نىشانىدىن ۋاز كېچىشى، ھەمدە ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەدىن بىخەتەرلىك كاپالىتى ئېلىش بەدىلىگە بىتەرەپ ۋە يادروسىز بىر دۆلەت بولۇش ئورنىنى قوبۇل قىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.

پېسكوۋ يەنە موسكۋانىڭ كىيېۋ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردىكى ھازىرقى ۋەكىللىك دەرىجىسىدىن رازى ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى.

ئۇ: «يۇقىرى دەرىجىلىك ياكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى، ئۇششاق مەسىلىلەر ۋە كىچىك تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك. مانا بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ، پۈتكۈل ھەل قىلىش مۇساپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ» دېدى.

شىمالىي كورېيەلىك جەڭچىلەر

پېسكوۋ شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىغا دائىر پەرەزلەرگىمۇ جاۋاب بېرىپ، شىمالىي كورېيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ ئۇكرائىناغا ئورۇنلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى، پەقەت رۇسىيە زېمىنىدىلا بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا قارشى كۆرسەتكەن باتۇرانە كۈرىشى ئۈچۈن كىم جوڭئۇنغا رەھمەت ئېيتقانىدى.

پۇتىن خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر ئۇچرىشىشتا كىمغا خىتاب قىلىپ: «ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، سىزنىڭ تەشەببۇسىڭىز بىلەن ئالاھىدە قىسىملىرىڭىز كۇرسك رايونىنى ئازاد قىلىشقا قاتناشتى» دېگەن  ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەسكەرلىرىڭىز باتۇرلۇق ۋە قەھرىمانلىق بىلەن جەڭ قىلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.

شىمالىي كورېيە قىسىملىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇكرائىنا قىسىملىرىنى رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى كۇرسكى رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ياردەم بەرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز