سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ پۇتىنغا قارىتىپ: «ئوق چىقىرىشنى توختات ۋە كېلىشىم ئىمزالا» دېدى
ترامپ ۋاتىكاندا ئۆتكۈزۈلگەن پاپانىڭ دەپنە مۇراسىمىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئايرىم سۆھبەتلەشتى.
ترامپ پۇتىنغا قارىتىپ: «ئوق چىقىرىشنى توختات ۋە كېلىشىم ئىمزالا» دېدى
Trump tells Putin to 'stop shooting' and make a deal / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋاتىكاندا ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئارىدىن  بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىندىن «ئوق چىقىرىشنى توختىتىش» نى ۋە ئۇكرائىنادا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلدى.

ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى بىر كۈندە توختىتالايدىغانلىقى توغرىسىدا ماختىنىپ كەلگەن ۋە ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن كېيىن ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى باشلىغان ئىدى.

ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇ تىرىشچانلىقلار ھازىرچە ھېچقانداق نەتىجە بەرمىدى.

يەكشەنبە كۈنى (2025-يىلى 27-ئاپرېل) ترامپ پۇتىندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «مەن ئۇنىڭ ئوق چىقىرىشنى توختىتىشىنى ۋە تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ترامپ بۇ سۆزلەرنى شەنبە كۈنى (26-ئاپرېل) رىمدا پاپا فىرانسىسنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ۋاشىنگتونغا قايتىشىدا موررىستوۋن ئايرودۇرۇمىدا قىلدى.

ئۇ: «بىز كېلىشىمنى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئىگە، دەپ ئويلايمىز. مەن ئۇنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى .

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بەلكىم ئامېرىكا تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنغان، ئۈچ يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا تىنچلىق ئېلىپ كېلىشنى مەقسەت قىلغان تىنچلىق پىلانىغا ئىشارەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

ترامپ پاپانىڭ دەپنە مۇراسىمىدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشتى. بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ فېۋرالدا ئاقسارايدا ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرا سۆزلىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ترامپ  سېنت پېتېر باسىلىكادىكى قىسقا سۆھبەتتىن كېيىن، پۇتىننىڭ ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى توغرىسىدا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونلىرىنى ۋەيران قىلىپ، ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى يەنە، زېلېنسكىينىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئۈچۈن، 2014-يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان قارا دېڭىزدىكى قىرىم يېرىم ئارىلىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ زېلېنسكىينىڭ قىرىم ئارىلىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا :  «ھەئە، مەن شۇنداق دەپ ئويلايمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى