خىتاي مىتسۇبىشى ئېغىر سانائەت گۇرۇھىنىڭ تارماق شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 ياپونىيە شىركىتىگە «قوش مەقسەتلىك» دېگەن باھانە بىلەن ئېكسپورت چەكلىمىسى قويدى.
خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەندىشىسىنى سەۋەب قىلىپ، سەيشەنبە كۈنى 40 ياپونىيە شىركىتى ۋە ئورگىنىغا ئېكسپورت چەكلىمىسى قويدى. بۇ قەدەم خىتايدىن ياپونىيەگە بارىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئايلارغا توغرا كەلدى ۋە زىددىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكا ئىچىنىڭ نويابىر ئېيىدا، توكيونىڭ تەيۋەنگە قىلىنىدىغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن كېيىن باشلانغان ئىدى.
ئەڭ ئاخىرقى قەدەمدە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى مىتسۇبىشى ئېغىر سانائەت گۇرۇھىنىڭ بەش تارماق شىركىتى ۋە ياپونىيە ئالەم بوشلۇقى ئاگېنتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ياپونىيە ئورگىنىغا ئېكسپورتنى چەكلىدى.
بۇ ئورگانلار توكيونىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، خىتايلىق ئېكسپورت قىلغۇچىلار تىزىملىكتىكى ياپونىيە ئورگانلىرىغا قوش مەقسەتلىك مەھسۇلاتلارنى تەمىنلىيەلمەيدۇ، شۇنداقلا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭمۇ خىتاي ئىسلەپچىقارغان قوش مەقسەتلىك مەھسۇلاتلارنى بۇ ئورگانلارغا تەمىنلىشى چەكلىنىدۇ.
مىنىستىرلىق يەنە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچى سۇبارۇ (Subaru) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە 20 ياپونىيە ئورگىنىنى «كۆزىتىش تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈپ، ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن بولغان ئېكسپورت بويۇملىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تەكشۈرۈلۈشىنى شەرت قىلدى.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «يۇقىرىدىكى تەدبىرلەر ياپونىيەنىڭ قايتا قوراللىنىشى ۋە يادرو ئارزۇلىرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەققانىي، مۇۋاپىق ۋە قانۇنلۇقتۇر» دېيىلدى.
ياپونىيە سودا ئەمەلدارى AFP ئاگېنتلىقىغا، توكيونىڭ يېڭى چەكلىمىلەرنىڭ تەسىرىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن «مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان خىتاي ساياھەتچىلىرى ئارىسىدا ئارزۇلۇق مەنزىلگاھ بولغان ياپونىيە ساياھىتى، بېيجىڭنىڭ پۇقرالىرىنى بۇ دۆلەتكە بارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن، نويابىر ئېيىدىن باشلاپ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى.
ياپونىيە تاراتقۇلىرىمۇ نويابىر ئېيىدا، خىتاينىڭ فۇكۇشىما يادرو ئىستانسىسىنىڭ كېرەكسىز سۈيىنى قويۇپ بېرىشى سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان ئىلگىرىكى چەكلىمىدىن كېيىن، 2023-يىلى قايتىدىن باشلىغان ياپونىيە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىنى توختاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

توكيو ئۆتكەن ئاي ئىككى پاندىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پانداسىز قېلىشىدۇر.
يانۋار ئېيىدا بېيجىڭ ھەربىي ساھەدە قوللىنىش ئېھتىماللىقى بولغان «قوش مەقسەتلىك» ماللارنى ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىشنى كەڭ دائىرىدە چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
پاي چەكلىرى چۈشۈپ كەتتى
بىراق، بۇ ئەڭ ئاخىرقى قەدەم ئونلىغان چوڭ ياپونىيە ئورگانلىرىنى نىشانلىغان بولغاچقا، باياناتتىن كېيىن بىر قانچە شىركەتنىڭ پاي چېكى تۆۋەنلەپ كەتتى.
كاۋاساكى ئېغىر سانائىتى (Kawasaki Heavy) پاي چېكى توكيودا يۈزده 5 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن بولسا، مىتسۇبىشى ئېغىر سانائىتى تەخمىنەن يۈزده 4 قىممىتىنى يوقاتتى، IHI پاي چېكى بولسا تەخمىنەن يۈزده 7 چۈشۈپ كەتتى.
ئېكسپورت چەكلىمىسى چوڭ پاراخوت ياساش شىركىتى «Japan Marine United» ۋە كاۋاساكى ئېغىر سانائىتىنىڭ بىر تارماق شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە پاراخوت زاۋۇتى ۋە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
سودا مىنىستىرلىقى: «خىتاينىڭ تىزىملىككە ئېلىش ھەرىكەتلىرى پەقەت ئاز ساندىكى ياپونىيە ئورگانلىرىنىلا نىشانلايدۇ، مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر قوش مەقسەتلىك ماددىلارنى نىشان قىلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ» دېگەنلەرنى تىلغا ئېلىپ، «سەمىمىي ۋە قانۇنغا بويسۇنىدىغان ياپونىيە ئورگانلىرىنىڭ ئەنسىرىشىگە ھاجەت يوق» دېدى.
مىتسۇبىشى ماتېرىياللىرىنى (Mitsubishi Materials) ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆزىتىش تىزىملىكىدىكى شىركەتلەر بېيجىڭنىڭ دەلىللەش شەرتلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان تەقدىردە، تىزىملىكتىن چىقىرىلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلالايدۇ.
تىزىملىكتىكى بەزى شىركەتلەر مۇداپىئە سانائىتىدە ئاكتىپ بولۇپ، ياپونىيە ئارمىيەسى ئۈچۈن پاراخوت، ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.
ياپونىيە ئۆزىنىڭ قاتتىق تىنچلىقپەرۋەر پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كېچىپ، «قايتۇرما زەربە بېرىش» ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا ئالاقىدار قائىدىلەرنى بوشاشتۇرۇشقا يۈزلەنمەكتە.
تاكا ئىچى ھۆكۈمىتى دېكابىر ئېيىدا كېلەركى مالىيە يىلى ئۈچۈن ھەربىي ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە رېكورت دەرىجىدىكى توققۇز تىرىليون يېن (58 مىليارد دوللار) قىممىتىدە مۇداپىئە خامچوتىنى تەستىقلىدى.
تاكا ئىچى جۈمە كۈنى پارلامېنتتىكى نۇتقىدا: «خىتاي شەرقىي خىتاي دېڭىزى ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى بىر تەرەپلىمە ھالدا زورلۇق ياكى بېسىم بىلەن ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ھەربىي پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتىپ ئاشۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.
ۋال سترېت ژورنىلىنىڭ خىتايدىكى ئىككى ئېكسپورت قىلغۇچىنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي يېقىنقى ئايلاردا ياپونىيە شىركەتلىرىگە كەم تېپىلىدىغان ۋە قىممەت باھالىق «ئېغىر» نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى بىلەن بىرگە، بۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك ماگنىتلارنى ئېكسپورت قىلىشنىمۇ چەكلەشكە باشلىغان.












