ھىندونېزىيەدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مەكتەپنىڭ خارابىلىكلىرىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى تاماملاندى

ھىندونېزىيەدە شەرقىي جاۋا ئۆلكىسىدىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئەل خوزىنى ئىسلام ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ خارابىلىكلىرىدىن جەسەتلەر چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى تاماملاندى.

ھىندونېزىيەدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مەكتەپنىڭ خارابىلىكلىرىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى تاماملاندى / Reuters

ئىگىلىنىشىچە، ھىندونېزىيەدە ياتاقلىق مەكتەپ  ئۆرۈلۈپ چۈشكەن چاغدا مەكتەپ ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى قېچىشقا ئۈلگۈرگەن بولۇپ، بىنانىڭ ئىجازەتنامىسى يوق ئىكەن.

ھىندونېزىيەدە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى سەيشەنبە كۈنى شەرقىي جاۋا ئۆلكىسىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىسلام ياتاقلىق مەكتىپىنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا قالغان قۇربانلارنى ئىزدەش خىزمەتلىرىنى تاماملىدى. ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئورگىنىنىڭ مەسئۇللىرى خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدىن 60 تىن ئارتۇق جەسەتنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىدوئارجو يېزىسى ئالدىنقى ھەپتە ئەل خوزىنى مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن يۈزلەرچە كىشىنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە قايغۇغا چۆمدى. مەكتەپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ۋاقىتتا، كۆپىنچىسى ئوغۇل بالىلاردىن تەشكىل تاپقان ئوقۇغۇچىلار پېشىن نامىزى ئوقۇۋاتاتتى.

 نۇرغۇن كىشى قېچىپ قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولدى

 

ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنى بىنانىڭ خارابىلىكى ئاستىدىن 61 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى ۋە يەتتە جەسەت پارچىسىنىڭ تېپىلغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ بۇ پارچىلارنىڭ كىمگە ئائىت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ بايانات بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىلنىڭ ئەڭ ئېغىر ئاپىتى دەپ قارالغان ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئاخىرلاشتۇرۇلغان بولدى.

ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئورگىنىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد شافىي، دائىرىلەرنىڭ خارابىلىكنى تازىلىشىدىن كېيىن: «ئەل خوزىنى مەكتىپىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى تۈپەيلىدىن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر رەسمىي ئاخىرلاشتۇرۇلدى» دېدى.

ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇدى ئىراۋان، كىملىكى بېكىتىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈۋاتقان جەسەت پارچىلىرى ئارىسىدا ئۈزۈلگەن پۇت-قوللارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى چوڭ بېتون پارچىلىرىنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن قېزىش ماشىنىلىرى ۋە كىرانلارنى ئىشلەتتى. ئۇلار تونېللارنى قازغاندا، تېخىچە ھايات دەپ قارالغان قۇربانلارغا ئىسىملىرى بىلەن خىتاب قىلدى.

ئەل خوزىنى ھىندونېزىيەدە «پېسانترېن» (ئىسلام مەدرىسەسى) دەپ ئاتىلىدىغان 42 مىڭدىن ئارتۇق ياتاقلىق مەكتەپنىڭ بىرى. ئاممىۋى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مەكتەپلەرنىڭ پەقەت 50 ىنىڭلا بىنا ئىجازەتنامىسى بار ئىكەن.

رېيتېر ئاگېنتلىقى ئەل خوزىنىنىڭ ئىجازەتنامىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ياكى مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن ئالاقىلىشىشكە مۇۋەپپەق بولالمىدى. تاراتقۇلار ئالدىنقى ھەپتە سىدوئارجو يېزىسىنىڭ مەسئۇلى سۇباندىنىڭ مەكتەپنىڭ ئىجازەتنامىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.