غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلقىنى دەلىللىدى
دۇنيا بويىچە داڭلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلقىنى دەلىللىدى
خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلقىنى دەلىللىدى / Reuters

بۇ جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى سىياسەتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ ب د ت نىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى» نىڭ 2-ماددىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي ئېنىقلىمىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيادىكى داڭلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى بېكىتىشكە كېرەكلىك قانۇنىي ئۆلچەملەرنىڭ ھازىرلانغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىر قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

 500  ئەزاسى بار خەلقئارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتىنىڭ بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان ئەزالىرىنىڭ %86 ى «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى سىياسەتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى (1948) نىڭ 2-ماددىسىدا ئېنىقلىما بېرىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قانۇنىي ئېنىقلىمىسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى قارارنى قوللىدى.

1994 - يىلى قۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى جەمئىيىتى تارىخىي ياكى داۋاملىشىۋاتقان ۋەقەلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان توققۇز قارار چىقاردى.

ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار تېخىچە ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.

ئىسرائىلىيە، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماسنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردە ئۆز زېمىنىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن غەززەگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان ئىدى. ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى ھاماسنىڭ ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 1200 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 250 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئەسىرگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

شۇ ۋاقىتتىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 63 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، رايوندىكى ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋەيران قىلىندى ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، غەززە خەلقىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كەم دېگەندە بىر قېتىم ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ب د ت قوللىغان يەرشارى ئاچارچىلىقنى كۆزىتىش ئورگىنى جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، غەززە شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ رەسمىي ھالدا قەھەتچىلىككە دۇچ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ كېڭىيىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى باسقۇچىنى ئايرىش سىستېمىسى (IPC) غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدىغان 514 مىڭ ئادەمنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغانلىقىنى، بۇ ساننىڭ سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە 641 مىڭغا يېتىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى