خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىشى پىلانلانغان مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا، كېلەر ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىشى مۆلچەرلەنگەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىشى پىلانلانغان مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىشى پىلانلانغان مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا تەلىپىنى رەت قىلدى / AFP Archive

«Times of Israel»  گېزىتىنىڭ بىر ئامېرىكالىق ۋە بىر پەلەستىنلىك ئەمەلدارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابباس ئۇدا ئىككىنچى يىلىمۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە سىنلىق يىغىن شەكلىدە خىتاب قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

ئابباستىن سىرت ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئۈچۈن ئامېرىكاغا سەپەر قىلىشى مۆلچەرلەنگەن پەلەستىنلىك ئەمەلدارلارنىڭمۇ ۋىزا ئىلتىماسلىرى رەت قىلىندى.

بىر پەلەستىنلىك ئەمەلدار، ئۆزىگە ۋىزا بېرىلمەسلىككە «ھەرقانداق ۋاقىتتا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بولغان كىشىلەرگە ۋىزا بېرىلىشىنى چەكلەيدىغان 212(a)(3)(B)  ماددىسىنىڭ سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابباسنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبىنىڭمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس.

ئابباسنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش كېلەر ھەپتە نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە تېلېفون ياكى تور سىن يىغىنى ئارقىلىق خىتاب قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغانلىقى، ئامېرىكاغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە تىنچلىق ئۈمىدلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى» سەۋەب قىلىنىپ، ئامېرىكانىڭ پەلەستىن ھاكىمىيىتى ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىككە ئالاقىدار ئېمبارگولىرىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا ئابباسقا ۋىزا بېرىلمىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلە ئۈستىدىمۇ توختىلىندى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى ئابباس ئۆتكەن يىلىمۇ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشالمىغان ھەمدە ئومۇمىي كېڭەشكە سىنلىق ئۇچۇر ئارقىلىق خىتاب قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Palestine slams US visa restrictions on officials ahead of UN meeting
ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى