خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «ئالدىن پىلانلانغان: 2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى» ماۋزۇلۇق دوكلاتتا، ئۆتكەن يىلى يادرو قورالىغا ئىگە 9 دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدە قىلغان چىقىملىرىغا ئائىت ئۇچۇرلار ھەمبەھرىلەندى. دوكلاتتا: «2025-يىلى يادرو قورالىغا ئىگە 9 دۆلەت، يادرو قوراللىرى ئامبارلىرى ئۈچۈن 118.8 مىليارد دوللار، يەنى ھەر سېكۇنتتا 3 مىڭ 768 دوللار خىراجەت قىلدى. بۇ ھازىرغىچە قەيت قىلىنغان ئەڭ يۇقىرى مىقداردۇر» دېيىلدى.
خىتاي، فىرانسىيە، ھىندىستان، ئىسرائىلىيە، شىمالىي كورېيە، پاكىستان، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئومۇمىي چىقىمىنىڭ ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 16.8 مىليارد دوللار ئاشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، بۇنىڭ بىر يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا تەخمىنەن %19لىك ئېشىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «يىل بويى خۇسۇسىي ساھە يادرو قورالى توختاملىرىدىن كەم دېگەندە 38 مىليارد دوللار كىرىم قىلدى. ئامېرىكا 69.2 مىليارد دوللار بىلەن باشقا بارلىق يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي چىقىمىدىنمۇ كۆپ خىراجەت قىلدى. خىتاي 13.5 مىليارد دوللار بىلەن ئىككىنچى ئەڭ كۆپ چىقىم قىلغان دۆلەت بولدى. ئەنگلىيە 12.6 مىليارد دوللارلىق چىقىمى بىلەن رۇسىيەنىڭ 9.5 مىليارد دوللارلىق چىقىمىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئۈچىنچى ئەڭ كۆپ خىراجەت قىلغان دۆلەت بولۇپ قالدى».
ئۆتكەن يىلى فىرانسىيەنىڭ يادرو قوراللىرى ئۈچۈن 7.7 مىليارد دوللار، ھىندىستاننىڭ 2.8 مىليارد دوللار، پاكىستاننىڭ 1.5 مىليارد دوللار، ئىسرائىلىيەنىڭ 1.2 مىليارد دوللار، شىمالىي كورېيەنىڭ بولسا 656 مىليون دوللار خىراجەت قىلغانلىقىمۇ دوكلاتتىن ئورۇن ئالدى.
يادرو قورالىغا ئىگە 9 دۆلەتنىڭ ئۆتكەن 5 يىلدا يادرو قورالى ئامبارلىرى ئۈچۈن جەمئىي 471 مىليارد دوللار خىراجەت قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىر تەرەپتىن قورال ئامبارلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يادرو قورالى خىراجىتىنىڭ كەلگۈسى يىللاردىمۇ داۋاملىق ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن پىلانلارنى تۈزگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
بىر مىنۇتلۇق يادرو قورالى خىراجىتى بىلەن 3 مىڭ 478 كىشىنى پاكىز سۇ ۋە تازىلىق ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، بۇ چىقىمنىڭ بىر كۈنلۈك سوممىسى بىلەن 2 مىليون كىشىنى ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىن قۇتقۇزغىلى بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
دوكلاتتا: «يادرو قورالىغا بىر ھەپتىدە سەرپ قىلىنغان سومما بىلەن 12 مىلياردتىن ئارتۇق كىشىنى قىزىل، كور بويۇن ۋە نېمىس قىزىلىدىن ساقلىغىلى بولىدۇ. بىر يىللىق خىراجەت بىلەن 6 مىليوندىن ئارتۇق ئۆينى قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ» دېيىلدى.
ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بېرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ۋە تەرەققىياتقا ئاجراتقان فوندلىرىنىڭ قىسقارتىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا: «پەقەت ئامېرىكانىڭلا 2025-يىلى يادرو قوراللىرىغا سەرپ قىلغان پۇلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يىللىق ئومۇمىي خامچوتىنى 19 قېتىم قامدىيالايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.


















