جەۋدەت يىلماز قىرغىزىستاندا مۇھىم ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز بۈگۈن (17-سېنتەبىر) قىرغىزىستاندا ئىككى كۈن رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن پايتەخت بىشكەككە يېتىپ بارىدۇ.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز / AA

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز قىرغىزىستان زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاتا-بەيىت دۆلەتلىك تارىخ ۋە خاتىرە سارىيىداىكى ئۈركۈن خاتىرە ئابىدىسى بىلەن ۋە قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىدۇ. قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان يىلماز، قىرغىزىستان-تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى (KTMÜ) نىڭ 30 يىللىق خاتىرە كونسېرتىغا قاتنىشىدۇ. پايتەخت بىشكەكتە تۈرك سودا-سانائەتچىلەر دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ئۇ زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى (18-سېنتەبىر) بىشكەكتە قىرغىزىستان مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ئادىلبېك قاسىمالىيېف بىلەن كۆرۈشىدۇ، تۈركىيە-قىرغىزىستان ئارىلاشما ئىقتىسادىي كومىتېتى (KEK) نىڭ 12-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ھەمدە تۈركىيە-قىرغىزىستان ئارىلاشما ئىقتىسادىي كومىتېتىنىڭ ئەسلەتمە كېلىشىملىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

ئۇ شۇ كۈنى تۈركىيە-قىرغىزىستان سودا مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ.

ئۇ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ دائىرىدە قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپاروۋ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورتاق يىغىنغىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.