سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران بىلەن ياۋروپا ئەللىرى تۈركىيەدە يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ
ئىران، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تېھران بىلەن يادرو كېلىشىمى تۈزۈشنىڭ «يېقىنلىشىپ قالغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن كېيىن، جۈمە كۈنى تۈركىيەدە ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلانماقتا.
ئىران بىلەن ياۋروپا ئەللىرى تۈركىيەدە يادرو سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ
/ Reuters

ئىستانبۇلدىكى بۇ ئۇچرىشىش، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچىنىڭ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ 2015-يىلدىكى كېلىشىم دائىرىسىدە بىكار قىلىنغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېمبارگولىرىنى قايتىدىن يولغا قويغان ئەھۋالدا «ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان» ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

«E3» دەپ ئاتالغان مەزكۇر ئۈچ ياۋروپا دۆلىتى، خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەزكۇر بۇ كېلىشىمگە تەرەپ دۆلەتلەر ئىدى.

لېكىن، ترامپ 2018-يىلىدىكى تۇنجى پىرېزىدېنتلىقى ئۆتەش مەزگىلىدە بۇ كېلىشىمدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا ۋاز كېچىپ ھەمدە ئىراننىڭ بانكا ساھەسى ۋە نېفىت ئېكسپورتىغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى قايتىدىن يولغا قويۇش ئارقىلىق كېلىشىمگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانىدى.

بىر يىلدىن كېيىن ئىران، كېلىشىم دائىرىسىدىكى ئۆز ۋەدىلىرىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ بۇ قەدىمىگە جاۋاب قايتۇردى. بۇ كېلىشىم، ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا چەكلەش ئارقىلىق ئېمبارگودىن كەچۈرۈم قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى مەزمۇن قىلاتتى.

ئۈچ ياۋروپا دۆلىتى، ئىراننىڭ (كېلىشىمگە) ئەمەل قىلماسلىقىغا قارىتا، ب د ت ئېمبارگولىرىنى قايتىدىن يولغا قويۇشنى مەزمۇن قىلغان 2015-يىلدىكى كېلىشىمنىڭ «قايتىش مېخانىزمى»نى  ئىشقا كىرىشتۈرۈش ياكى كىرگۈزمەسلىكنى مۇزاكىرە قىلماقتا؛ بۇ مۇزاكىرىلەر ئۆكتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ.

ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى، بۇنداق بىر مەۋقەنىڭ «بولۇپمۇ ياۋروپالىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يەرشارى خاراكتېرلىك يادرو كېڭىيىش كىرىزىسىنى پەيدا قىلىش خەۋپى بارلىقى»نى بىلدۈردى.

ئەمما، فىرانسىيەنىڭ ھەپتىلىك «Le Point» ژۇرنىلىغا يېزىلغان بىر ماقالىدە، تېھراننىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە «يېڭى بىر سەھىپە ئېچىشقا تەييار» ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ ئۇچرىشىش، تېھراننىڭ تەبىرى بويىچە «قىيىن ئەمما پايدىلىق» دەپ باھا بېرىلگەن ئامېرىكا – ئىران تۆتىنچى نۆۋەتلىك يادرو سۆھبىتىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.

ئاراقچى، جۈمە كۈنىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى