تۈركىيە
0.98 مىنۇت ئوقۇش
«تۈركىيە سۈرىيەدىكى بارلىق مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھامىيسى»
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى بارلىق مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
00:00
«تۈركىيە سۈرىيەدىكى بارلىق مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھامىيسى»
«تۈركىيە سۈرىيەدىكى بارلىق مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھامىيسى» / TRT Uyghur

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولغان بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كۋىنتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇھىم باياناتلارنى بەردى.

فىدان سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمى سەۋەبىدىن مىليونلىغان كىشىنىڭ يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركلەرمۇ بار بولۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى، تۈركىيەنىڭ بۇ زۇلۇمدىن قېچىپ كەلگەنلەرنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن باغرىغا باسقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ئۆزىدىن پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولغانلىقىنى، سۈرىيەلىكلەرگە تىنچ-خاتىرجەم ياشىيالايدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ يېڭى باسقۇچتا سۈرىيەدە قىيىنچىلىق ۋە ئەندىشە ئىچىدە قالغان مەيلى كۆپ سانلىق ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بولسۇن، مەيلى نۇسەيرىلەر، ئەلەۋىلەر، يەزىدىلەر ياكى خىرىستىيانلار بولسۇن، كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە ئۇلارنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ھامىيسىدۇر، قوغدىغۇچىسىدۇر. بىز ئۇلارنىڭ سۈرىيەدە بالايىئاپەتكە يولۇقماسلىقى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز. سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىمۇ بۇ جەھەتتە ئىنتايىن سەزگۈر. خۇدايىم بۇيرۇسا، ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمەيدۇ، ئەمما يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغان بۇ جەھەتتە ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، پىرىنسىپى ئېنىقتۇر. كىم زۇلۇمغا ئۇچرىسا، بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنى باغرىمىزغا باسىمىز، ئۇلار بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىمىز. دەرۋەقە، بىز ئىنسانلارغا ئىنسانىيەت كىملىكى جەھەتتىن قارايمىز.»

بېلگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۋىنتىن سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى،  ھەمدە بۇ دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ