ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ھەم ھەربىي قىسىملىرىنى يۆتكىمەكتە ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ بازىسىغا كىرىشنى چەكلىمەكتە
ئىراننىڭ ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە ئارىلاشقان تەقدىردە ئامېرىكاغا كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن، ۋاشىنگتون ھەربىي كۈچىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
ئامېرىكا ھەم ھەربىي قىسىملىرىنى يۆتكىمەكتە ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ بازىسىغا كىرىشنى چەكلىمەكتە
ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يۆتكىمەكتە / Reuters

ئامېرىكا ھەم ھەربىي قىسىملىرىنى يۆتكىمەكتە ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي بازىسىغا كىرىشنى چەكلىمەكتە.

ئىككى ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ چارشەنبە كۈنى  رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقىغا قارشى ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى ھەربىي بازىلاردىن ئايروپىلان ۋە پاراخوتلىرىنى يۆتكىمەكتە ئىكەن. 

بۇ ھەرىكەتلەر پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇئەسسەسەلىرىگە قاراتقان بومباردىمانلىرىغا قاتنىشىدىغان-قاتناشمايدىغانلىقى توغرىسىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى. ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ ئالتىنچى كۈنىدە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىن قېچىش باشلاندى. 

ئامېرىكانىڭ قاتاردىكى ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى، خادىملىرىنىڭ دوھا شەھىرى سىرتىدىكى چۆلگە جايلاشقان، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ئامېرىكا ھەربىي مۇئەسسەسەسى بولغان ئەلئۇدەيد ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىغا كىرىشنى ۋاقىتلىق چەكلەش ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى. 

ئەلچىخانا قاتاردىكى خادىملىرى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى «ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئېھتىياتچان بولۇش» ۋە «رايوندا داۋاملىشىۋاتقان دۈشمەنلىكلەرگ قارشى» سەگەك بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. 

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئىككى ئامېرىكا ئەمەلدارى، ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنى يۆتكەشنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرىنى قوغداش پىلانلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، لېكىن مەزكۇر ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنىڭ سانى ھەم قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى. 

بۇ ئىككى ئەمەلداردىن بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەھكەملەنمىگەن پاناھ جايلاردا بولمىغان ئايروپىلانلار ئەلئۇدەيد بازىسىدىن، پاراخوتلار بولسا بەھرەيندىكى ئارمىيەنىڭ 5-فىلوتى جايلاشقان بىر پورتتىن يۆتكەلگەن. 

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ، ھەربىي كۈچنى قوغداش مۇھىم ئىكەن. 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - 'Nobody knows:' Trump declines to tell whether he will move forward with US strikes on Iran

 ئامېرىكانىڭ دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرى ئوتتۇرا شەرققە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە 

 

 رېيتېر ئاگېنتلىقى بۇ ھەپتە ئىچىدە، كۆپ ساندىكى ماي قاچىلاش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياۋروپاغا، قوشۇمچە كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىر ئاۋىياماتكامۇ ئوتتۇرا شەرققە قاراپ يولغا چىقتى. 

ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا يەكۈن چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، جۈمە كۈنى ھاۋا ئۇرۇشى باشلىدى. 

ئىران بولسا يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالارنى رەت قىلماقتا. 

ئىراننىڭ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە بىۋاسىتە قاتناشقان تەقدىردە، ئىراننىڭ ئامېرىكاغا كۈچلۈك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ۋاشىنگتونغا يەتكۈزدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Netanyahu thanks Trump for backing Israel in conflict with Iran

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى