سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
شارا: سۈرىيەنىڭ بىرلىكى رايون خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى، پارچىلىنىش قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن خەۋپ
پىرېزىدېنت ئەھمەد شارا (شەرئ): «نىيۇ يورك زىيارىتىم سۈرىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.
شارا: سۈرىيەنىڭ بىرلىكى رايون خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى، پارچىلىنىش قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن خەۋپ
سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا / Reuters

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا سۈرىيەنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، ھەرقانداق پارچىلىنىشنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

سۈرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئەلئىخبارىيە» شارانىڭ نىيۇ يورکتىكى ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «سۈرىيەنىڭ بىرلىكى بىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىق سىياسىتىمىزنىڭ مەركىزىي ئورنىدا تۇرىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شارا سۈرىيەنىڭ رايوندىكى ھالقىلىق رولىغا ئىشارەت قىلىپ: «ھەرقانداق پارچىلىنىش قوشنا دۆلەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ ۋە رايون خەۋپسىزلىكىنى بۇزىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى «ۋاشىنگتون سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى (س د ك (گ)) نىڭ سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ» دەپ داۋاملاشتۇردى.

جەنۇبتىكى سۇۋەيدا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ئىلگىرىكى توقۇنۇشلارغا ئىشارەت قىلغان شارا: «بارلىق تەرەپلەرنىڭ بەزى خاتالىقلىرى بولدى. بىز كېلىشىشنى تاللىدۇق» دېدى.

سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن مۇمكىن بولىدىغان بىر خەۋپسىزلىك كېلىشىمى ئۈستىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللەپ: «ئىسرائىلىيە بىلەن ھەرقانداق كېلىشىمدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش، رايوندا تىنچلىقنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن باشقا كېلىشىملەرگە زېمىن ھازىرلايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

شارا: «ئىسرائىلىيە 1974-يىلىدىكى (ئاجرىلىش) كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەندەك خەلقئارالىق قىسىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، سۈرىيەنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتىشىنىڭ ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئەسەد ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە سۈرىيە تەۋەسىدىكى ھەربىي نىشانلارغا، جۈملىدىن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە يۈزلىگەن قېتىم ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيە يەنە سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى ئەسكەرلەردىن خالىي تەڭپۇڭ رايوننى ئىگىلەپ، 1974-يىلى سۈرىيە بىلەن تۈزگەن ئاجرىلىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى.

شارا دەمەشقنىڭ بارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئارىلىقتا تۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نىيۇ يورك زىيارىتىم سۈرىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى» دېدى.

سۈرىيە رەھبىرى 22-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلەش ئۈچۈن نىيۇ يورکقا يېتىپ باردى. بۇ ئارقىلىق، 1967-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر سۈرىيە دۆلەت رەئىسى ب د ت دا نۇتۇق سۆزلەش مەقسىتىدە بۇنداق بىر زىيارەتتە بولغان بولدى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى