سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ داۋوستا «تىنچلىق كېڭىشى» نى ئېلان قىلىدۇ
ترامپ ياۋروپاغا قويغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، گىرېنلاندقا سالغان تەھدىتىدىن يېنىۋالغاندىن كېيىن، تىنچلىق ئورناتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى.
ترامپ داۋوستا «تىنچلىق كېڭىشى» نى ئېلان قىلىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ 21-يانۋار (2026) داۋوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدىكى يىغىندىن كېيىن، مۇخبىرلارغا سۆز قىلماقتا، ئا پ. / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە (2026-يىلى 22-يانۋار) كۈنى داۋوستا يېڭى «تىنچلىق كېڭىشى»  (Board of Peace) نى ئېلان قىلىدۇ ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇ گرېنلاندقا قاراتقان تەھدىتىدىن يېنىۋالغان كۈننىڭ ئەتىسىلا ئۆزىنى تىنچلىق ئەلچىسى سۈپتىدە ئالدىغا چىقىرىشقا باشلىدى.

ترامپ چارشەنبە (21-يانۋار) كۈنى تۇيۇقسىز بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپاغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ۋە دانىيەدىن گرېنلاندتىن ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش ئېھتىماللىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ بايانات دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىنى زىلزىلىگە سالغان كىرىزىسنى قىسمەن پەسەيتتى.

ترامپ شۋېيتسارىيەنىڭ قار تېيىلىش ئارامگاھىدا ئۆتكۈزۈلگەن داۋوس يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، خەلقئارالىق توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىدىغان تالاش-تارتىشتىكى ئورگىنى — «تىنچلىق كېڭىشى» نى، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى بىلەن تونىتىدۇ.

بۇ يېڭى قۇرۇلغان كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزالىق ھەققى 1 مىليارد دوللار بولۇپ، ترامپ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان قاتارلىق رەھبەرلەرنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى كېڭەشكە قاتنىشىشقا قوشۇلغان رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولغان مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتاھ ئەل سىسى بىلەن كۆرۈشكەندە: «مېنىڭچە بۇ دۇنيادا قۇرۇلغان ئەڭ ئۇلۇغ كېڭەش» دېدى.

بۇ كېڭەشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ترامپنىڭ سەككىز توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇم دېگەن دەۋاسىغا قارىماي، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن تۇغۇلغان ئۈمىدسىزلىكى كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.

ئەسلىدە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان شىددەتلىك ئۇرۇشتىن كېيىن، غەززەنى قايتا قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان بۇ كېڭەشنىڭ نىزامنامەسى، ئۇنىڭ رولىنى پەقەت پەلەستىن تېررىتورىيەسى بىلەنلا چەكلىمەيدۇ. بۇ ئەھۋال ترامپنىڭ بۇ ئورگان ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا رىقابەتچى بولۇشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى قوزغىدى.

فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرى بۇنىڭغا گۇمان بىلەن قارىغان بولسىمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ترامپقا دوستانە مۇناسىۋەتتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتار قاتارلىق دۆلەتلەر قاتنىشىشقا قوشۇلدى.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا، تەكلىپ ئەۋەتىلگەن 50 كە يېقىن دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 35 رەھبەرنىڭ ھازىرغىچە قوشۇلۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ يەنە پۇتىننىڭ كېڭەشكە قاتنىشىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما كرېمىل ھازىرغىچە تەكلىپنى مۇلاھىزە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - EU lawmakers put US trade deal on ice over Trump's Greenland push, tariff threats

كەلگۈسى كېلىشىمنىڭ رامكىسى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ كېڭەشكە كىرىشى ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى، بولۇپمۇ موسكۋانىڭ تۆت يىلغا يېقىن داۋاملاشقان تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان ئۇكرائىنانى قاتتىق ئەندىشىگە سالدى.

ترامپ «تىنچلىق كېڭىشى» يىغىنىدىن كېيىن، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ داۋوستا بىر يىل ئىلگىرى  ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇرۇش توغرىسىدا توختلىپ: «ئەگەر رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزمىسە ئەخمەقلىق قىلغان بولىدۇ» دېدى.

ترامپ گەرچە ئىلگىرى ئۇرۇش توختىماسلىقنىڭ سەۋەبىنى گاھ ئۇ تەرەپكە، گاھ بۇ تەرەپكە دۆڭگەپ كەلگەن بولسىمۇ، پۇتىن بىلەن زېلېنسكىينىڭ كېلىشىمگە يېقىنلىشىپ قالغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى،

ئۇ: «مېنىڭچە ئۇلار ھازىر بىر يەرگە كېلىپ كېلىشىم تۈزىدىغان چەككە كەلدى. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، ئۇلار ئەخمەق —ھەر ئىككىسى ئۈچۈن شۇنداق» دېدى.

ترامپ ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىشكە باشتىن-ئاخىر گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر كىيېۋنى قوللاشنىڭ ناتو ۋە ياۋروپانىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكتلىمەكتە. ئەمما، ئۇنىڭ پۇتىن بىلەن شەخسىي مۇناسىۋىتى بارلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى ھازىرغىچە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرالمىدى.

ترامپنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ستېۋ ۋىتكوف ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر بىلەن بىرگە پەيشەنبە كۈنى داۋوستىن موسكۋاغا بېرىپ، پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زېلېنسكىي ترامپنىڭ گرېنلاندنى ئېلىش ئۇرۇنۇشىنىڭ دىققەتنى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن باشقا ياققا بۇراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق، ترامپ چارشەنبە كۈنى كېچىدە ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، «كەلگۈسى كېلىشىمنىڭ رامكىسى» غا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇڭا 1-فېۋرال (2026) دىن باشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقداشلىرىغا قويۇلماقچى بولغان تاموژنا بېجىنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇتتې داۋوستا كۆرۈشۈشنىڭ «ئىنتايىن ياخشى» بولغانلىقىنى، ئەمما گرېنلاند مەسىلىسىدە «يەنىلا نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەكلىكى» نى ئېيتتى.

ترامپ تەبىئىي بايلىقى مول بولغان بۇ ئارالىنىڭ رۇسىيە بىلەن خىتايغا قارشى ئامېرىكا ۋە ناتو بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى