غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە 90 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە ھاماس بىلەن ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە 90 پەلەستىنلىك تۇتقۇننى قويۇپ بەردى.
ئىسرائىلىيە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە 90 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بەردى
غەززە خەلقى ئىسىرائىلىيە تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنى داغدۇغىلىق قارشى ئالدى / User Upload

ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە 3 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەدىن كۈتۈلگەن قەدەم تاشلاندى.

ھاماس تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن 3 ئەسىرنىڭ بەدىلىگە، غەربىي قىرغاقتىكى راماللاھ شەھىرى يېنىغا جايلاشقان ئوفېر ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 90 پەلەستىنلىك تۇتقۇن قويۇپ بېرىلدى.

پەلەستىن مەتبۇئاتى قويۇپ بېرىلگەن تۇتقۇنلارنىڭ 69 ئايال، 20  كىچىك بالا، بىرىنىڭ ياش يىگىت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەركىنلىككە ئېرىشكەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ 78 ىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىن، 12 سى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇدۇۇستىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەل-قەسسام بىرىگادىلىرى غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى بىلەن 3 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قويۇپ بېرىلگەن رومى گونېن، ئېمىلى دامارى ۋە دورون ستېينبرېچېرنىڭ ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دىققەتلەر كېلىشىم دائىرىسىدە دەسلەپكى باسقۇچتا 90 پەلەستىنلىك تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان ئىسرائىلىيەگە مەركەزلەشكەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»