سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسپانىيە ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى بەش دۆلەت ۋېنېسۇئېلاغا قىلىنغان «ھەربىي مۇداخىلە»نى رەت قىلدى
بەش دۆلەت قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋەزىيەتكە ئارىلىشىشقا ۋە ۋېنېسۇئېلادىكى كەسكىنلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى تىنچىتىشقا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.
ئىسپانىيە ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى بەش دۆلەت ۋېنېسۇئېلاغا قىلىنغان «ھەربىي مۇداخىلە»نى رەت قىلدى
US attacks on Venezuela kills at least 80. / Reuters

ئىسپانىيە ۋە لاتىن ئامېرىكاسىدىكى بەش دۆلەت (بىرازىلىيە، چىلى، كولومبىيە، مېكسىكا ۋە ئۇرۇگۋاي) ئامېرىكانىڭ ۋېنېسۇئېلادىكى ھەربىي ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ رايون خاراكتېرلىك مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر دۆلەتلەر يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان قوشما باياناتىدا مۇنداق دېدى: «خەلقئارا قانۇننىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىغا، بولۇپمۇ ب د ت نىزامنامىسىدىكى كۈچ ئىشلىتىش ياكى تەھدىت سېلىشنى چەكلەش، دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولغان، ۋېنېسۇئېلا تېررىتورىيەسىدە بىر تەرەپلىمە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ قىلمىشلارنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز».

بۇ بايانات ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا كىرىپ جۇمھۇر رەئىس نىكولاس مادۇرۇ ۋە رەپىقىسى سىلىيا فلورېسنى «قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى» جاكارلىشى، شۇنداقلا زۆرۈر تېپىلسا ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئارقىلىق دۆلەتنى ۋاقىتلىق ئامېرىكا كونتروللۇقىغا ئالىدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

مادۇرۇ ئەر-خوتۇن شەنبە كۈنى كەچتە نيۇيوركقا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بېرى برۇكلىندىكى بىر قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. مادۇرۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن گۇرۇھلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش قاتارلىق فېدېراتسىيە دەرىجىلىك جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

مادۇرۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان بولسا، كاراكاستىكى دائىرىلەر ئەر-خوتۇننىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئالتە دۆلەت يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ۋېنېسۇئېلادىكى ۋەزىيەت چوقۇم تىنچ يول بىلەن، دىيالوگ، سۆھبەت ۋە ۋېنېسۇئېلا خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، سىرتقى مۇداخىلىسىز ۋە خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە ھەل قىلىنىشى كېرەك».

ب د ت نى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىرىش

مەزكۇر ئالتە دۆلەت يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە رايون تىنچلىقىنى قوغداشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشقا چاقىردى. باياناتتا يەنە: «خەلقئارا قانۇنغا زىت بولغان، رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان، تەبىئىي ياكى ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى، باشقۇرۇلۇشى ياكى سىرتقى كۈچلەر تەرىپىدىن قولغا كىرگۈزۈلۈشىگە بولغان ئەندىشىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

ترامپ شەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، مادۇرۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ مەلۇم مەزگىل ۋېنېسۇئېلا ھۆكۈمىتىنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىخەتەر، مۇۋاپىق ۋە ئادىل بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچ تاماملانغۇچە دۆلەتنى بىز باشقۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
مىليونلارچە مۇسۇلمان، ھەج ئىبادىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان بىر پەيتتە ئاراپاتتا جەم بولدى
ئەردوغان: «تۈركىيە دۇنيادا ئوخشىشى ئاز ئۇچرايدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنى يازماقتا»
ئىران ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي كىيېۋدىكى دىپلوماتلىرىنى چېكىندۈرمەيدۇ
بىشكەكتە 10-نۆۋەتلىك تۈركىيە-قىرغىزىستان تۈرك كىنو كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
زېلېنسكىي تۈنۈگۈن رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان كىيېۋ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى