زېلېنىسكىي مۇخبىرلارنىڭ رۇسىيە—ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار ھەققىدە توختالغان زېلېنىسكىي، ئۇكرائىنا سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ ئەتە ئامېرىكادا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كىرىلو بۇدانوۋ، مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېرگىي كىسلىتسيا، تاشقى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى رۇستەم ئۇمەروۋ ۋە پارلامېنت ئەزاسى داۋىد ئاراخامىيا ئۇكرائىناغا ۋاكالىتەن سۆھبەتلەرگە قاتنىشىدىكەن.
زېلېنىسكىي ياۋروپالىق ئەمەلدارلارنىڭمۇ سۆھبەتلەرگە قاتنىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۈچ قېتىم سۆھبەتلەشتىم» دېدى.
ئۇ ئۇكرائىنانىڭ دېڭىزچىلىق ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى توختىتىش تەكلىپى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
زېلېنىسكىي رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا دىققەت تارتتى. ئۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى بالىلارنى ھېچقاچان زەربە ئوبيېكتى قىلمىغانلىقىنى، كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي بۇنداق قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ: «ئەمما قۇرامىغا يەتكەنلەر پات يېقىندا يېڭى بىر قايتۇرما زەربىگە ئۇچرايدۇ. تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىيالمايمەن» دېدى.
رۇسىيەنىڭ تېخنىكا شىركىتى ياندېكسنىڭ ريازان رايونىدىكى بىر سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدىمۇ توختالغان زېلېنىسكىي مۇنداق دېدى:
«بىز ھەمىشە ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىمىز. سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىگە كەلسەك، ھەممىڭلارغا مەلۇمكى، ئۇلار سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلدى ۋە داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ قايتۇرما زەربە بەردۇق.»























