خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى رايونلۇق دىيالوگ ئارقىلىق «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا.
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا / AFP

قاتار كەڭ دائىرىلىك رايونلۇق سۆھبەتلەرنىڭ باشلىنىشىدىن بۇرۇن ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىغنى ۋە ھەربىي جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى خىزمەت تەرتىپىگە قويماقتا.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مەجىد ئەل-ئەنسارى قاتارنىڭ ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇلۇشىنى ئەمەس، «بۇ كىرىزىسىنى باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق كەڭ دائىرىلىك بىر رايونلۇق دىيالوگ بىلەن سىجىل بىر سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Qatar says Gulf states cannot rely solely on US for protection

ئەل-ئەنسارىCNN  قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، دوھانىڭ بۇ توقۇنۇشنى توڭلىتىپ قويغىلى بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈپ سەۋەبلەر ھەل قىلىنماي تۇرۇپلا توختىتىپ قويۇشنىڭ يېڭى بىر توقۇنۇش دولقۇنىغا يول ئېچىش خەۋپى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئەل-ئەنسارى: «بۇ كىرىزىسىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا، باسقۇچلۇق ھالدا ھەل قىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، سىجىل بىر ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن توغرا سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارالايدىغان بىر مۇھىت يارىتىشتۇر» دېدى.

ئەل-ئەنسارى قاتارنىڭ رايوننىڭ كەسكىن توقۇنۇش چەمبىرىكى ئىچىدە قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىر كەسكىن توقۇنۇشتىن يەنە بىر كەسكىن توقۇنۇشقا ئۆتۈشنى خالىمايمىز. بۇ توقۇنۇشنى توڭلىتىپ قويۇپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن يەنە شۇ ئوخشاش نۇقتىغا قايتىپ كېلىشنىمۇ خالىمايمىز» دېدى.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «ھازىر بىز قىلىۋاتقان ئىشتا ئىككى ئاساسلىق ئالدىنقى خىزمەت تەرتىپىمىز بار. بىرىنچىسى، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئوچۇق بولۇشىنى ۋە ھەممىمىزگە ئورتاق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىمنىڭ ئىران خەلقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى بارلىق خەلقلەر ئۈستىدىكى تەسىرىنى يوقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش» دېدى.

ئەل-ئەنسارى سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «ئىككىنچى ئالدىنقى خىزمىتىمىز بولسا، رايوندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان بىر دىيالوگ مۇھىتى يارىتىشى ئۈچۈن يېڭى ھەربىي ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشىدۇر. شۇ نۇقتىغا كەلگىنىمىزدە، دىيالوگنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ھەمدە بۇنىڭ پەقەت سىرتتىنلا ئەمەس، بەلكى ھەممىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دائىرىسى كەڭ بىر دىيالوگ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دەل ئاشۇ باسقۇچتا ھەممىمىز رايونلۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك»

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ