مادۇرو كولومبىيەدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
مادۇرو كولومبىيەدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدىمادۇرو ئامېرىكا - ۋېنېزۇئېلا جىددىيچىلىكى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بىر پەيتتە كولومبىيەدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى.
مادۇرو كولومبىيەدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى / Reuters

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى مادۇرو  ۋاشىنگتوننىڭ باياناتلىرىنى كەسكىنلەشتۈرۈشى ۋە يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش بىلەن تەھدىت سېلىشى سەۋەبىدىن، چەت ئەلنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى دەپ ئاتىغان بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رايونلۇق ئىتتىپاقداشلىق چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيچىلىكنىڭ كەسكىن دەرىجىدە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، چارشەنبە كۈنى كولومبىيەدىكى سىياسىي رەھبەرلەرگە، دۆلەتتىكى ئىجتىمائىي گۇرۇھلارغا ۋە قوراللىق قىسىملارغا جىددىي چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىش تەكلىپىنى سۇندى.

قوللىغۇچىلىرىغا سۆز قىلغان مادۇرو، رايونلۇق «بىرلىك» نىڭ تىنچلىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك كاپالەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، كولومبىيە ئارمىيەسىنىڭ چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى.

مادۇرو: «ھېچكىمنىڭ دۆلەتلىرىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا پېتىنالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن ۋېنېزۇئېلا بىلەن مۇكەممەل بىر ھەمكارلىق ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىمەن» دېدى.

«ترامپ قورچاق ھۆكۈمەت قۇرۇشنى خالايدۇ»

مادۇرونىڭ بۇ چاقىرىقى ۋاشىنگتوننىڭ توقۇنۇشقا ئىشارەت قىلغان بىرنەچچە باياناتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

مادۇرو ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ، ۋېنېزۇئېلا ئامېرىكانىڭ «نېفىتى، زېمىنى ۋە باشقا مال - مۈلۈكلىرى» نى ئوغرىلىدى دېگەن دەۋاسىدىن كېيىن، ئۇنى «مۇستەملىكىچىلىك» غەرىزىدە بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

مادۇرو بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ دۆلىتىدە ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىر باھانە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش تەشەببۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە مەغلۇپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مادۇرو: «ئۇلارنىڭ مەقسىتى، بىر كۈنمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، بىراق ئاساسىي قانۇنىمىز ۋە بايلىقىمىزنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغان بىر قورچاق ھۆكۈمەت قۇرۇش» دېيىش ئارقىلىق، ۋېنېزۇئېلانىڭ بۇنداق بىر ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

جىددىيچىلىك سەيشەنبە كۈنى ترامپنىڭ مادۇرو ھۆكۈمىتىنى «چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىشى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۈچەيدى.

 ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ۋېنېزۇئېلا ئەتراپىدا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ تەكىتلەپ، كاراكاس ئامېرىكانىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرغانغا قەدەر بېسىمنى ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

كاراكاس بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئېمبارگولار، دېڭىز ئاپپاراتلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ۋە بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان قاتتىق باياناتلار بىلەن يېقىنقى ئايلاردا داۋاملىق يامانلاشتى.

مادۇرونىڭ كولومبىيەگە قىلغان چاقىرىقى، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي جىددىيچىلىكلەر داۋاملىق كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، رايونلۇق ئىتتىپاقداشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش تىرىشچانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى