مەۋلانەنى خاتىرلەش كۈنى
10 – 17 – دېكابىر مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنى خاتىرىلەش كۈنى ۋە شەبئى ئارۇز.
ئانادولۇنىڭ ئەڭ سۆيۈلگەن دىنى ئۆلىماسى ۋە شائىرلىرىدىن بىرسى بولغان مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنى رەھمەت تىلەكلىرىمىز بىلەن ئەسلەيمىز.
ئۇنىڭ سۆزى بويىچە «ئۆلۈم كۈنى؛ سۆيگۈنىنىڭ ۋىسالىغا يېتىدىغان كۈن» بولۇپ، ئۇ بۇ كۈندە يىغلاش ۋە ئازابلىنىشنى مەنئىي قىلغان ئىدى. مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ ئانادولۇ ساماسىدا ياڭرىغان ئەقىل دۇردانىلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يالغۇز بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ ياڭرىماقتا. ھەر يىلى 17 – دېكابىر كۈنى كونيادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەبئى ئارۇز» مۇراسىملىرىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىن مىڭلارچە كىشى ئۇنىڭ «مەيلى كىم بولۇشىڭدىن قەتئىي نەزەر يەنە كەل!» دېگەن چارىقىرىغا ئاۋاز قوشۇپ، بەس – بەستە ئىشتىراك قىلماقتا.
مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدىغان پەلسەپەسى دۇنيايىمىزنى يورۇتۇپ كەلمەكتە. بىز مەۋلانە جالالىدىن رۇمىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش بىلەن ئەسلەيمىز.