سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ شەرقىي تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك كېمىسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 3 ئادەم ئۆلدى
ئامېرىكا جەنۇبىي قۇماندانلىق ئىشتابى شەرقىي تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى ۋە دېڭىزدا زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى دەپ گۇمان قىلىنغان ئۈچ كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكانىڭ شەرقىي تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك كېمىسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 3 ئادەم ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ شەرقىي تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك كېمىسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 3 ئادەم ئۆلدى

دائىرىلەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ شەنبە كۈنى شەرقىي تىنچ ئوكياندا بىر كېمىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۈچ ئەر كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتى سېنتەبىر ئېيىدا باشلىغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا ئۆلگەنلەر سانى 200 دىن ئاشقان.

ئامېرىكا جەنۇبىي قۇماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«مەزكۇر كېمە شەرقىي تىنچ ئوكياندىكى ھەممىگە مەلۇم بولغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى لىنىيەلىرى ئۈستىدە كېتىۋاتاتتى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى. بۇ ھەرىكەت جەريانىدا ئۈچ ئەر زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى.»

بۇ بايانات بىلەن بىرگە ھەمبەھىرلەنگەن ئاق-قارا رەڭلىك سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، كېمىنىڭ ئوچۇق دېڭىزدا توختىغانلىقى ۋە ئارقىدىنلا چوڭ پارتلاش ئىچىدە قالغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

ئامېرىكا ئارمىيەسى سېنتەبىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا «جەنۇب نەيزىسى» ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋاشىنگتوننىڭ لاتىن ئامېرىكادا پائالىيەت قىلىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك كارتېللىرى بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

لېكىن ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆزى زەربە بەرگەن پاراخوتلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا قەتئىي دەلىل كۆرسىتەلمىدى.

قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى، ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكاغا قارىتا جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرمىگەن پۇقرالارنى نىشان قىلغانلىقى ئۈچۈن، سوتسىز جازالاش (ئۆلتۈرۈش) خاراكتېرىدە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن تەتۈر ساناق باشلاندى
ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىكتا بىر ئاپتوبۇسقا قىلغان ھۇجۇمىدا يەتتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ راكېتا ۋە ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنا مىقياسىدا توققۇز كىشى ئۆلدى، ئونلارچە كىشى يارىلاندى
ياشلارنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى پىسخىكىلىق ياردەم ئۈچۈن سۈنئىي ئەقىل پاراڭ بوتلىرىنى ئىشلەتمەكتە
تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ۋە مەدەنىيەت كۆۋرۈكلىرى تۈرى: نەقىشلەر
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى كالىن ھاماس ھەيئىتى بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشتى
كومپيۇتېرلار ئۆزگىرىۋاتامدۇ؟ نۋىدىيە (Nvidia) سۈنئىي ئىدراكلىق يېڭى كومپيۇتېر چىپىنى تونۇتتى
ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا 33 مىليارد كۇبمېتىر تەبىئىي گاز تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالاندى
مىنىستىر فىدان، ئىرانلىق مەنسەپىدېشى ئاراكچى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ئىشغالىيىتىنى كېڭەيتىش ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى
ترامپ بىلەن شارا تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە شېرىكچىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
مىنىستىرلار كابىنېتى بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىرىدۇ
مالايشىيا 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلەش نىزامىنى يولغا قويدى