تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئانتاليادا چاقىرىلغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى - COP31 دا كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
تۈركىيەلىك سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر كىلىمات كىرىزىسىغا قارشى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
Artistë dhe sportistë bëjnë thirrje për veprim kundër krizës klimatike në COP31 / Anadolu Agency (Wire)

ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ پەخىرىي ئەلچىسى تۇغبا بۈيۈكئۈستۈن كىلىمات مەسىلىسىدە بېرىلگەن ۋەدىلەرنى قۇرۇق سۆزدە قالدۇرماي تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرسا؛ تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى شاھىكا ئەرجۈمەن ئۆزى ھەر كۈنى دېڭىزدا ئۇچرىتىۋاتقان ئەخلەتلەرگە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئانتاليادا چاقىرىلغان ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى (COP31) غا قاتناشقان سەنئەتكارلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر مۇھىم بىر چاقىرىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار كىلىمات كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا ھەربىر ئادەمنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن دەرھال ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى كۈچلۈك تەكىتلەپ ئۆتتى.

يىغىن مەيدانىنىڭ «كۆك رايونى» غا جايلاشقان تۈركىيە كۆرگەزمە بۆلۈمىدە جەم بولغان بۇ داڭلىق شەخسلەر، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىمقى مۇھىم خەلقئارالىق يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ۋە خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتى.

داڭلىق ئارتىس تۇغبا بۈيۈكئۈستۈن سۆز قىلىپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىنغان قارارلارنى ئەمدىلىكتە قەتئىيلىك بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنە بىر داڭلىق ئارتىس بارىش ئاردۇچ بولسا، نۆۋەتتە كىلىمات كىرىزىسىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك «قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش» چېكىگە يەتكەنلىكىنى، دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان COP31 يىغىنىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ شۇنداقلا، پارىژ كىلىمات يىغىنىدىن كېيىن ۋەدىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۈتۈنلەي ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتىنىڭ ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«بۇ يىغىنغا قاتنىشىش بىز ئۈچۈن زور شەرەپ»

مىللىي تەنھەرىكەتچى شاھىكا ئەرجۈمەن ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دېڭىزدا ئۆتكۈزگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ھەر كۈنى سۇ ئاستىدا ساناقسىز ئەخلەتلەرگە كۆزى چۈشىدىغانلىقىنى ئېچىنىغان ھالدا بايان قىلدى. داڭلىق ئارتىس مەريەم ئۇزەرلىمۇ سۆز قىلىپ، COP31 يىغىنىغا ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر نۆۋەتلىك كىلىمات يىغىنىغا قارىغاندا ئىنتايىن كۆپ ساندا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن تىلغا ئالدى ۋە: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش. بۇ يەرگە كېلىپ مۇشۇ يىغىنغا قاتنىشىش بىز ئۈچۈن زور بىر شەرەپ» دېدى.

بۇ — ھەممىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورتاق مەسىلە

يەنە بىر ئارتىس جەيدا ئاتەش قۇرۇق سۆزدىن كۆرە تېزدىن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە جىددىي ئېھتىياج بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورمانلارنى، دېڭىز-ئوكيانلارنى ۋە سۇ مەنبەلىرىنى كۆز قارىچۇقىمىزدەك قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئارتىس سەركان ئالتۇنئوراقمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ مەلۇم بىر رايونغىلا ئەمەس، بەلكى يەرشارىدىكى ھەممە ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئورتاق ۋە جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەربىر ئىنساننىڭ زېمىننى قوغداش يولىدا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ھالدا ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئاخىرىدا دەمەت شەنەر سۆز ئېلىپ، كىلىمات كىرىزىسىنىڭ ئەمدىلىكتە پەقەت كەلگۈسىدىكى بىر يىراق خەتەر بولۇشتىن ئۆتۈپ، بۈگۈنكى رېئال كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغىمۇ بىۋاسىتە ۋە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى شۇنداقلا كۆپچىلىكنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكمەي دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

 

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ