سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي يادرو قوراللىرىنى كۆز-كۆز قىلدى
خىتاي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى خاتىرە كۈنىدىكى ھەربىي پاراتىدا يادرو قوراللىرىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي يادرو قوراللىرىنى كۆز-كۆز قىلدى
خىتاي تاراتقۇلىرى يادرو قوراللارنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك «كوزىرلىرى» دەپ ئاتىدى. سۈرەت: ئا پ. / AP

خىتاينىڭ يادرو قورال-ياراغلىرىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا كۆرسىتىشى ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋە ھازىرقى 600 دانە يادرو ئوق بېشى زاپىسىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

خىتاي قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا يادرو كۈچىنى تۇنجى قېتىم ياپونىيەگە قارشى غەلىبىسى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ ھەربىي پاراتتا ئاشكارىلىدى.

شىنخۇانىڭ خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، چارشەنبە كۈنى (3-سېنتەبىر) دىكى پاراتتا بېيجىڭنىڭ تولۇق يادرو ئۈچبۇرجەكلىك شەكلى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «1-جىڭلېي» (JingLei-1 ) ناملىق ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، «3-جۈلاڭ» (JuLang-3) ناملىق سۇ ئاستىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا، «61-شەرق شامىلى» (DongFeng-61) ناملىق قۇرۇقلۇقتىن ئېتىلىدىغان قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە «31-شەرق شامىلى» (DongFeng-31) ناملىق قىتئەلەر ئارا بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار ئىكەن.

خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ قوراللارنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك «كوزىرلىرى» دەپ ئاتىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ «دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش» تىكى رولىنى تەكىتلىدى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قوراللارنىڭ ئاشكارىلىنىشى، بېيجىڭنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ زامانىۋى يادرو توسۇش كۈچىنىڭ ئاساسىي ئامىلى ئىكەن.

بۇ قېتىمقى پارات خىتاينىڭ يادرو قورال-ياراغ زاپىسى رېكورت سەۋىيەدە تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.

سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتى (SIPRI) نىڭ مۆلچەرلىشىچە، بېيجىڭنىڭ زاپاس يادرو ئوق بېشى 2025-يىلىنىڭ بېشىدىلا تەخمىنەن 600 گە يەتكەن. دېمەك، 2023-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى تەخمىنەن 100 گە يېقىن يادرو ئوق بېشى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ ھەر قايسى يادرو دۆلەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ تېز ئاشقان رەقەم ھېسابلىنىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Beijing rejects Trump’s call to include China in denuclearisation talks with Russia

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»