تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
تۈركىيە غەززەدە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى «ھەددىدىن زىيادە قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن» ئىسرائىلىيەگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.
تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى / AA

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززە باشقۇرۇشىنى تېكنوكراتلاردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇمكىن بولغان ۋاقىت جەدۋەللىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكىدا مىسىر ۋە قاتار ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ خىلاپلىق قىلىشلىرىنىڭ غەززەدە تىنچلىق پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى «ھەددىدىن زىيادە قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئامېرىكا، تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار جۈمە كۈنى مىئامىدا جەم بولۇپ، غەززەدىكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى. سۆھبەتتە تۈركىيە ۋاكالەتچىسى خاقان فىدان شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇچرىشىشلارغا ئائىت تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى.

شەرم ئەلشەيىخ تىنچلىق باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئاساسىدا يولغا قويۇلغان غەززە تىنچلىق پىلانىنىڭ ئۈستىدىن خېلى كۆپ ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان خاقان فىدان مۇنداق دېدى:

«ئەڭ ئاخىرقى تۇتقۇن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بىرىنچى باسقۇچ تاماملانغانلىقى ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتۈش پارامېتىرلىرى مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ. بەلكىم شەرم ئەلشەيىختىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم يىغىن تۈنۈگۈنكى يىغىن بولۇشى مۇمكىن. ئوچۇق ئېيتىش كېرەككى، تۈنۈگۈن كېچىچە ئوخشىمىغان شەكىلدە ۋە سورۇنلاردا سۆھبەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق»

يىغىننى «ئۈمىدبەخش» دەپ تەسۋىرلىگەن خاقان فىدان، تەرەپلەرنىڭ بىرىنچى باسقۇچتا يولۇققان مەسىلىلەرنى تەپسىلىي مۇنازىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى. خاقان فىدان: «بولۇپمۇ تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشىنىڭ تىنچلىق پىلانىنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتۈشتە چوڭ خەتەرلەرنى تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. خۇسۇسەن ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان خىلاپلىق قىلىشلىرى مۇساپىنى ھەددىدىن زىيادە قىيىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، بارلىق تەرەپلەر بۇ مەسىلىدە بىر پىكىرگە ئىگە؛ بىز يەنە بۇنىڭ قانداق ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تۈرلۈك مەسلىھەتلىشىشلەردە بولدۇق» دېدى.

غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇلۇشى

ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتۈش مۇساپىسى دائىرىسىدە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سۇنۇلغان بىر ئالدىن تەييارلىق خىزمىتىنىڭمۇ باھالانغانلىقىنى تەكىتلىگەن خاقان فىدان، تۈركىيەنىڭ قىزىل سىزىقىنى مۇنۇ ئۈچ پارامېتىر بىلەن خۇلاسىلىدى: غەززە غەززەلىكلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇشى كېرەك؛ غەززەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى قوغدىلىشى، ھېچقانداق شەكىلدە پارچىلانماسلىقى كېرەك؛ غەززەدە قىلىنغان ھەر بىر ئىش غەززەلىكلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇشى كېرەك.

تېكنوكراتلار كومىتېتى ۋە مۇقىملىق كۈچى

غەززەنىڭ باشقۇرۇلۇشىنى تېكنوكراتلاردىن تەركىب تاپقان بىر كومىتېتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇمكىن بولغان ۋاقىت جەدۋەللىرىدىن باشقا، بىر تىنچلىق كېڭىشى قۇرۇش ۋە بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا بىر خەلقئارالىق تەىنچلىقنى ساقلاش قىسمى تەشكىللەش ئۈستىدە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى قەيت قىلغان خاقان فىدان: «بۇنىڭ شەرم ئەلشەيىختىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ مۇھىم يىغىن ئىكەنلىكىنى ئويلايمەن» دەپ باھا بەردى.

خاقان فىدان يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت تارتىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ مەسىلىدە ئىنتايىن سەزگۈر ئىكەنلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel kills two Palestinians in occupied West Bank
ئىزدىنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنېي: تۈركىيە ناتو ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئىتتىپاقداش
خىتاينىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا يەتتە كىشى ئۆلدى، 17 كىشى يارىلاندى
مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيە ئوچۇق دېڭىزىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىت قەبرىستانلىقىنى بايقىدى
ئەسلى گۈۋەن: «يېقىن شەرقتىكى تىنچلىق رايون خاراكتېرلىكلا ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر مەجبۇرىيەت»
ترامپ ئىرانغا كېلىشىم ھاسىل قىلمىغان تەقدىردە كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر بىلەن تەھدىت سالدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
مىنىستىر خاقان فىدان بۇلغارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى