تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى قارارىنى قارشى ئالدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز: «بۇ قارار، شىمالىي قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى، كىملىكى ۋە كېلەچىكىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسىدۇر» دېدى.
تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج) پارلامېنتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى قىبرىس مەسىلىسىگە ئائىت ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تەكلىپىنى تەستىقلىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «NSosyal» دا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ قارار شىمالىي قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى، كىملىكى ۋە كېلەچىكىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈك ئىپادىسىدۇر» دېدى.
يىلماز سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «يېرىم ئەسىردىن بۇيان نەتىجە بەرمىگەن فېدېراتسىيە مودېلى ئەمدى فونكسيەسىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. ئارالدا رېئال، ئىمكانىيەتلىك ۋە ئادىل بىر ھەل قىلىش چارىسى پەقەت ئىككى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، باراۋەر دۆلەت ئاساسىدىلا مۇمكىن بولىدۇ. بۇ تارىخىي قاراردا ئۆز ئىرادىسىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى يۆنىلىشىدە نامايان قىلغان بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ كېلەچىكى، خاتىرجەملىكى ۋە شان-شەرىپى ئۈچۈن نامايان قىلغان بۇ مەيدانىغا رەھمەت ئېيتىمەن. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ئۆز كېلەچىكىگە قارار قىلىش ئىرادىسىنى داۋاملىق قوللايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ش ق ت ج مەزكۇر قارارنى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.
ب د ت نىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، قىبرىستا رۇملار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر كېلىشەلمەسلىك مەۋجۇت.
1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا باشلانغان ھەمدە ئارالدىكى تۈركلەرنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان ئېتنىك خاراكتېرلىك ھۇجۇملار، قىبرىس تۈركلىرىنى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەلۇم رايونلارغا چېكىنىشكە مەجبۇرلىدى.
1974-يىلى قىبرىس رۇملىرىنىڭ گىرېتسىيەنى ئارالنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا قۇترىتىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىشى، تۈركىيەنىڭ كاپالەتچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتىن قوغداش ئۈچۈن ئارالغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىغا سەۋەب بولدى.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە، 1983-يىلى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.
كاپالەتچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ھىمايىسىدە 2017-يىلى شىۋىيېتسارىيەدە باشلانغان، ئەمما مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بىر قېتىملىق ئۇرۇنۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، ئارالدىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل قەدەملەر بېسىلدى.
جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى 2004-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدى؛ شۇ يىلى رۇملار ب د ت نىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ كېلىشەلمەسلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان ۋە ئوتتۇرىغا قويغان پىلانىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا رەت قىلدى.