سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
بىرمادا 7.7 بال يەر تەۋرىدى
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى، بىرمادا 7.7 باللىق شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. تەۋرەشنىڭ خىتاي ۋە تايلاندتىمۇ سېزىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
بىرمادا 7.7 بال يەر تەۋرىدى

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى GMT ۋاقتى 06:20 دە، ساگايىڭنىڭ 16 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدا، يەرنىڭ 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، تەۋرەش تايلاندنىڭ شىمالىدا، باڭكوكتا ۋە خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىمۇ ھېس قىلىنغان.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش ساگايىڭ شەھىرىنىڭ 16 كىلومېتىر (10 مىل) غەربى شىمالىدا ۋە يەرنىڭ 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقىدا يۈز بەرگەن.

باڭكوكتا بەزى مېترو ۋە يېنىك رېلىس لىنىيەلىرىدە قاتناش توختىتىلدى.

بىرمادىكى مۇخبىرلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدىن يوللار يېرىلىپ كەتكەن ۋە بەزى بىنالار تالاپەتكە ئۇچرىغان.

تەۋرەش تايلاندنىڭ شىمالىدىن تارتىپ پايتەخت باڭكوكقىچە بولغان جايلاردا سېزىلگەن. باڭكوكلۇقلار يەر تەۋرەۋاتقان چاغدا كوچىلارغا يۈگۈرۈپ چىققان.

مەشھۇر ساياھەت شەھىرى چىياڭ مايدا ياشايدىغان دۇئانگجاي ئىسىملىك بىر پۇقرا مۇخبىرلارغا: «ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان چېغىمدا تەۋرەشنى سەزدىم. ئۇخلاش كىيىمىم بىلەن دەرھال قېچىپ چىقتىم» دېدى.

تەۋرەش خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىدىمۇ سېزىلگەن. بېيجىڭ يەر تەۋرەش ئىدارىسى تايلاندتىكى يەر تەۋرەشنى 7.9 بال دەپ ئېلان قىلغان.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى