غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىستانبۇلدىكى غەززە مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالىملار جىددىي ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلىدى
بۇ يىغىن 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن 150 دىن ئارتۇق ئاكادېمىكنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىنكاسىنى ئىنسانىي بۇرچنى مەركەز قىلغان ئاساستا مۇھاكىمە قىلدى.
ئىستانبۇلدىكى غەززە مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالىملار جىددىي ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلىدى
ئىستانبۇلدىكى غەززە مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئالىملار جىددىي ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىنى تەكىتلىدى / AA

كۆزگە كۆرۈنگەن مۇسۇلمان ئۆلىمالار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئارىلىدا داۋاملىشىۋاتقان خەلقئارالىق يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ جىددىي زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.

«ئىسلامىي ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەت: غەززە» تېمىسىدىكى بۇ يىغىننى خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى (IUMS) ۋە تۈركىيە ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋەخپى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرماقتا.

بۈگۈنكى يىغىن خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى شەيخ ئەلى مۇھيىددىن ئەل قاراداغى، تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش ۋە خەلقئارا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى شەيخ ئەلى مۇھەممەد ئەل ساللابى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەرنىڭ نۇتۇق سۆزلىشى بىلەن باشلاندى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنغا تەشكىلىي ھەيئەتكە ۋاكالىتەن «ئۈممەت» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شەيخ ئابدۇلۋاھھاب ئايكىنجى رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراق فىقھى كېڭىشىدىن شەيخ ئەھمەد ھەسەن ئەل-تاھا ۋە تۈركىيە ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋەخپىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ناسرۇللاھ ھاجىمۇفتۇئوغلۇ قاتارلىق ئىراقلىق ۋە تۈرك ئۆلىمالارمۇ نۇتۇق سۆزلىدى.

بىرىنچى مۇھاكىمە يىغىنى «غەززەگە ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى» تېمىسىغا مەركەزلىشىپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقلىرى ئۆز تەكلىپلىرىنى سۇندى.

كۈننىڭ كېيىنكى قىسمىدا غەززەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، مېھمانلارنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە پەلەستىنلىكلەر بىلەن ھەمدەمدە بولۇش ئۈچۈن ئاممىۋى بايانات ئېلان قىلىش ۋە نامايىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئەييۇب سۇلتان مەسچىتىدە دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن باشلانغان سەككىز كۈنلۈك بۇ پائالىيەت 29-ئاۋغۇسقە قەدەر داۋاملىشىدۇ.

پائالىيەت ئايا سوفىيا مەسچىتىدە «ئىستانبۇل خىتابنامىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. تەشكىللىگۈچىلەر بۇ ھۆججەتتە پەلەستىن دەۋاسىنى قوللاش ئۈچۈن «سىياسىي، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قانۇنىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەر» نىڭ ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى