تۈركىيە
1 min read
ئەردوغان: پ ك ك يا ئۆزىنى تازىلايدۇ، يا تازىلىنىدۇ
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە گۇماشتىلىرىنىڭ يا ئۆزىنى تازىلايدىغانلىقى، يا تازىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
00:00
ئەردوغان: پ ك ك يا ئۆزىنى تازىلايدۇ، يا تازىلىنىدۇ
ئەردوغان: پ ك ك يا ئۆزىنى تازىلايدۇ، يا تازىلىنىدۇ / TRT Uyghur

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان باياناتىدا، 8-دېكابىر كۈنى سۈرىيەدە بەئىس ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن «ئىنقىلاب نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى ۋەزىيەتنىڭ پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇ يەرگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكى» نى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەگە قېرىنداش دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يېڭى باسقۇچنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىۋاتىمىز.

زالىم ھاكىمىيەتكە قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان سۈرىيە خەلقىنىڭ زەپەر قۇچۇشى ۋە ئۇتۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ياردەملەرنى قىلىمىز.

سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىرلىكىنىڭ ھەرقانداق شارائىتتا قوغدىلىشى تۈركىيەنىڭ ئۆزگەرمەس مەيدانى بولۇپ، قەتئىي ئۆزگەرمەيدۇ.

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ دىن ئىبارەت ھېچكىمگە ياشاش ۋە سۆز ھوقۇقى بەرمەيدىغان بۇ قاتىللار توپىنى رايونىمىز ئۈچۈن تەھدىت مەنبەسى بولۇشتىن چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز.

سۈرىيەدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىغا ئەجەللىك زەربە بېرىش نىشان قىلىنىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزنى خۇددى ئوپېراتسىيە دوختۇرىغا ئوخشاش سەزگۈرلۈك ئېڭى ئاساسىدا پۇقرالارنىڭ قىلىغىمۇ زىيان يەتكۈزمەي داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.

 سۈرىيەنىڭ ۋە رايونىمىزنىڭ كېلەچىكىدە دائېش، پ ك ك قاتارلىق ھېچقانداق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلچە  ئورۇن يوقتۇر، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە گۇماشتىلىرى يا ئۆزىنى تازىلايدۇ، يا تازىلىنىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى