ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيە نېفىت-خىمىيە زاۋۇتلىرىغا قىلغان ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيەدە ئېقىپ كېتىش خەۋپىنى تۇغدۇرۇشى مۇمكىن.
ئىراننىڭ تەكرارلانغان ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر نېفىت-خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئېقىپ كېتىش ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ بۇشەھر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە بىر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى ۋى ئىستنسىدا يېنىك زىيان كۆرۈلگەن بولسىمۇ، يادرو رېئاكتورى زىيانغا ئۇچرىمىغان ۋە ھېچقانداق رادىياتسىيە ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى مەلۇم قىلىنمىغان ئىدى.
بۇ ۋەقەنى تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك بىر پوزىتسىيە دەپ بېكىتكەن ئىران، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ئۆچ ئالدى.
«ئىسرائىلىيە ھايوم» (Israel Hayom) گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 29-مارت كۈنى بېئېرشېبا ئەتراپىدىكى «ADAMA Makhteshim» خىمىيە زاۋۇتىغا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياكى ئۇنىڭ پارچىسى چۈشۈپ، ئىسكىلاتقا ئوت كەتكەن، ۋەقەدە يارىلانغانلار بولمىغان.
تېھران ئۆزىنىڭ ھۇجۇمىنى «ئۆلچەملىك بىر جاۋاب» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بۇ ئەھۋال رايوندىكى يادرو ۋە خىمىيەلىك ئەسلىھەلەرگە قارىتا ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى.
مەزكۇر گېزىت ھۇجۇملارنىڭ «تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى» قەيت قىلىپ، رامات خوۋاۋ رايونىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خىمىيە ۋە نېفىت-خىمىيە سانائىتى مەركەزلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گېزىتتە: «بۇ ئورۇنغا قىلىنىدىغان ھەر قانداق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى پاجىئەلىك نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان تەقدىردىمۇ، پىسخىكىلىق تەسىر ۋە جامائەت بېسىمىدىن سىرت، يوشۇرۇن مۇھىت تەھدىتى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلدى.
تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئەندىشىلەر
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ زاۋۇت بىرلەشمىسىنىڭ بېئېرشېبا شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونلارغا يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك ئېقىپ كېتىش ياكى ئېغىر زىيانلارنىڭ نۇرغۇن كىشىگە تەسىر قىلىش ئەندىشىسىنى تۇغدۇرغان.
تىلغا ئېلىنغان بۇ ھۇجۇملار ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ نېفىت-خىمىيە ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا قايتارما ھۇجۇم سۈپىتىدە يۈز بەرگەن.
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال كۈنى ئىرانغا قاراتقان بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغاندىن بۇيان، رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەت يۇقىرى پەللىگە چىقتى.
بۇ ھەرىكەتتە بۈگۈنگىچە سابىق دىنىي رەھبەر ئەلى خامىنېيىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 1340 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ئىران ئىسرائىلىيەگە قايتۇرغان جاۋاب سۈپىتىدە يەنە ئىيوردانىيەنى، ئىراقنى ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇۋاتقان پارىس قولتۇق ئەللىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ باردى.