2025-يىلى10-ئاينىڭ8-كۈنى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرىنى رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىردى.
سەيشەنبە (7-ئۆكتەبىر) كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ شىمالىدىكى گابالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى-ت د ت (TDT) باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەردوغان: «بىز تۈرك دۇنياسىنىڭ رايونىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىدە نۇرغۇن جەھەتلەردىن تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىيالايدۇ، دەپ قارايمىز» دېدى.
ئۇ خەلقئارا تۈزۈمنى تەنقىد قىلىپ: «بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىنى ئازابلايدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرگە سەل قارىغان خەلقئارا تۈزۈمگە دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېدى.
ئۇ سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەتنى تارتىپ: «نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى 9 ئايدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتى بىزنى كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قاراشقا ئۈندەيدۇ» دېگەندىن كېيىن، تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىققا چاقىرىق قىلىپ: «تۈرك دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك» دېدى.
ئۇ جەنۇبىي كاۋكاز توغرىسىدا توختىلىپ: «بىز جەنۇبىي كاۋكازدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەملەرنى سەمىمىي قوللايمىز» دېدى.
ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندا قاتارغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «بىرلىككە كەلگەن ئېلىپبە مەسىلىسىدە تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۇنجى قەدەمنى باستۇق، (دۇنياغا داڭلىق قىرغىز يازغۇچىسى) چىڭگىز ئايتماتوف تونۇشتۇرۇلغان بىر ئەسەر ۋە ئوغۇزنامىلەرنى (ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ ئەپسانىۋى ئەسەرلىرى) بىرلىككە كەلگەن ئېلىپبەدە بېسىپ چىقاردۇق» دېدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق تۈرك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ
تەۋسىيە












