سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى بومباردىمان قىلدى
رۇسىيە ئۇچقۇلىرى تۆمۈر يوللارنى، ئۇكرائىنا ئۇچقۇلىرى موسكۋانىڭ كونتروللۇقىدىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى بومباردىمان قىلدى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارنى بومباردىمان قىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كىروۋوخراد ئوبلاستىغا قىلغان ئۇچقۇ ھۇجۇمىدا، تۆمۈر يول قاتنىشى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئۇكرائىنا مەسئۇللىرىنىڭ چارشەنبە (17-سېنتەبىر) كۈنى بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئۇچقۇلىرى ئۇكرائىنانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان كىروۋوخراد ئوبلاستىغا ھۇجۇم قىلىپ، توك تەمىنلىشىنى قىسمەن ئۈزۈپ تاشلىغان ۋە تۆمۈر يول قاتنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن.

كىروۋوخراد ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ئاندرېي رايكوۋىچ تېلېگرامما ئەپ دېتالىدا: «ھازىر رايون مەركىزىي ۋە ئولېكساندىرىۋكادىكى 44 ئاھالىلەر رايونىدا توك تەمىنلىشى قىسمەن توختىدى. بەزى ئاھالىلەر زىيانغا ئۇچرىدى، تۆمۈر يول قاتنىشىدا قالايمىقانچىلىقلار مەيدانغا كەلدى» دېدى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش خادىملىرى ئۈچ ئورۇندا ئوت ئۆچۈرگەن بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى يۈز بەرمىگەن.

تۆمۈر يول تورى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئۇكرائىنا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئولېكسېي كۇلېبا رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇمىد،ا تۆمۈر يول ئۇل- ئەسلىھەلىرىنى نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ئەمما ئورنى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.

كۇلېبا: »بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئېنىق بىر نىشانى بار: يولۇچى ۋە يۈك توشۇش تىرانسىپورتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، قاتناشنىڭ مۇقىم راۋانلىقىغا زىيان سېلىش ۋە ئىقتىسادقا قوشۇمچە بېسىم پەيدا قىلىش» دېدى.

رۇسىيە رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقىنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىر ۋەكىلىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن زاپورىژيا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېقىلغۇ ساقلاش ئەسلىھەسىدە چىققان ئوت ئۆچۈرۈلگەن.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى سەيشەنبە كۈنى (16-سېنتەبىر) ئېلېكتىر ئىستانسىسى خادىملىرىنىڭ ئەتراپتا بومباردىمان ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقىنى ۋە ئۈچ جايدىن قارا ئىس چىققانلىقىنى كۆرگەنلىكلىرىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ukraine, Russia claim shooting down each other's drones in overnight attacks

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ