ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستانلىق ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى غەززەدىكى بالىلارنىڭ سۈنئىي قول-پۇت ئۈمىدى بولدى
بىيونىكس شىركىتى ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتا باشلامچى بولۇشنى ئۈمىد قىلماقتا ھەمدە يىراقتىن تەسۋىرگە ئېلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تۆۋەن چىقىملىق مەخسۇس سۈنئىي قول-پۇتلارنى لايىھەلەپ ياساپ چىقماقتا.
پاكىستانلىق ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى غەززەدىكى بالىلارنىڭ سۈنئىي قول-پۇت ئۈمىدى بولدى
پاكىستانلىق ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى غەززەدىكى بالىلارنىڭ سۈنئىي قول-پۇت ئۈمىدى بولدى / Reuters

سەككىز ياشلىق سىدرا ئەلبوردىنى سۈنئىي قولى بىلەن شىپاخانىدىن قايتىپ كېلىپلا، ئىيوردانىيەدە ئۆزى ياشاۋاتقان مۇساپىرلار لاگېرىدا ۋېلىسىپىتكە مىندى. بۇ ئۇنىڭ بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا قولىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ۋېلىسىپىت مىنىشى ئىدى.

سىدرا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قېچىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورنىغا ئايلاندۇرۇلغان غەززەدىكى نۇسەيرات مەكتىپىدە يوشۇرۇنۇپ ياشاۋاتقاندا يارىلانغانىدى. ئۇنىڭ ئانىسى سابرېن ئەلبوردىنى غەززەنىڭ ۋەيران بولغان سەھىيە مۇلازىمىتى ۋە شۇ ۋاقىتتا ئائىلىسىنىڭ بۇ رايوندىن ئايرىلالماسلىقى سەۋەبىدىن، سىدرانىڭ قولىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

 ئەلبوردىنى تېلېفوندا بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكى  ئۈچۈن ئاللاھقا كۆپ قېتىم شۈكۈر ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇ ھازىر سىرتتا ئويناۋاتىدۇ، بارلىق دوستلىرى ۋە قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ يېڭى قولىغا ھەۋەس بىلەن قاراۋاتىدۇ. قىزىمنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈش مېنى تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە خۇشال قىلىدۇ.»

سىدرانىڭ سۈنئىي قولى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئارقىلىق ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن سۈرەتكە تارتىپ، 3D مودېل تۇرغۇزىدىغان بىيونىكس (Bioniks) ناملىق بىر پاكىستان شىركىتى تەرىپىدىن 4000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى كاراچىدا ياسالدى.

بىيونىكس شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەنەس نىياز، ئىجتىمائىي كارخانا سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ شىركەتنىڭ 2021-يىلىدىن بۇيان پاكىستاندا 1000 دىن ئارتۇق مەخسۇس لايىھەلەنگەن سۈنئىي قول ياساپ چىققانلىقىنى، بۇنىڭ چىقىمىنىڭ بىمارلارنىڭ تۆلىگەن پۇلى، شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە ئىئانىلەر ئارقىلىق ھەل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ، مەزكۇر شىركەتنىڭ توقۇنۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى تۇنجى قېتىم سۈنئىي قول-پۇتلار بىلەن تەمىنلىشى ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump's crackdown on pro-Palestine activists goes for federal trial

 سۈنئىي سىناقلار

 

سىدرا ۋە ئۈچ ياشلىق ھەبابەتۇللاھ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشىدا ئىككى قولى ۋە بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. ھەر ئىككىسى ئۇدا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان يىراقتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە يىراقتىن ئۆلچەش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى. نىياز ئايروپىلان بىلەن كاراچىدىن ئاممانغا بېرىپ، شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق مەھسۇلاتلىرىنى چەت ئەلگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى.

سىدرانىڭ ئۈسكۈنىسىنىڭ چىقىمىنى ئامماندىكى مافاز شىپاخانىسى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ھەبابەتۇللاھنىڭ سۈنئىي قول-پۇتى پاكىستانلىق ئىئانە قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ھەل قىلىندى. مافاز شىپاخانىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەنتەسار ئەساكەر، چىقىمى تۆۋەن، يىراقتىن ھەل قىلىش چارىلىرى ۋە مەسىلىلەرنى يىراقتىن ھەل قىلىش ئىقتىدارى سەۋەبىدىن بىيونىكس شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

نىياز ھەربىر سۈنئىي قولنىڭ تەخمىنەن 2500 دوللارغا توختايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىلغان باشقا تاللاشلارنىڭ 10 مىڭدىن 20 مىڭ دوللارغىچە بولغان تەننەرخىدىن كۆپ ئەرزان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىيونىكسنىڭ سۈنئىي قوللىرى ئامېرىكا نۇسخىلىرىغا قارىغاندا ئاددىيراق بولسىمۇ، بالىلار ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىدە ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە يىراقتىن تەڭشەش ئىمكانىيىتى ئۇنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تاللاشلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق قىلىدۇ.

نىياز: «بىز ئۇكرائىناغا ئوخشاش باشقا توقۇنۇش رايونلىرىدىكى كىشىلەرنىمۇ سۈنئىي قول-پۇت بىلەن تەمىنلەپ، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر شىركەتكە ئايلىنىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى ۋە بالىلار ئۈچۈن يېنىك سۈنئىي قول-پۇتلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ھەر 12-18 ئايدا بىر قېتىم يېڭىلىنىشى كېرەك بولغان سۈنئىي قول-پۇتلارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

سىدرا ۋە ھەبابەتۇللاھنىڭ كەلگۈسىدىكى سۈنئىي قول-پۇت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن مەبلەغ تاللاشلىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن نىياز، چىقىمىنىڭ بەك يۇقىرى بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. نىياز پەقەت بىرنەچچە زاپچاسنىڭلا ئالماشتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، قالغان قىسىملىرىنىڭ باشقا بىر بالىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قايتا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - UK court rejects Palestine Action's bid to pause govt ban as 'terrorist group'

بىيونىكس شىركىتى بالىلارنىڭ سۈنئىي قول-پۇتلىرىغا بەزىدە مارۋېلنىڭ «تۆمۈر ئادەم» ياكى دىسنىينىڭ «ئەلسا» سىغا ئوخشاش مودا بولغان توقۇلما پېرسوناژلارنى سىڭدۈرىدۇ. نىياز بۇنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىن قوبۇل قىلىش ۋە كۈندىلىك ئىشلىتىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 «ئاخىرى دادام بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشەلەيمەن»

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ئورگىنى (OCHA) مارت ئېيىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززەدە ئۇرۇشتىن ئىلگىرى 2000 مېيىپ بولۇپ، ھازىر تەخمىنەن 4500 يېڭى مېيىپنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بالىلار ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ غەززەنى يېقىنقى تارىختىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان بالىلارنىڭ مېيىپ بولۇش كىرىزىسى ئەڭ يۇقىرى رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

پەلەستىن ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاپرېل ئېيىدىكى بىر تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە غەززەگە 2023-يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش قوزغىغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 7000 بالا يارىلانغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ چېگرالارنى تاقاپ، ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىنى توسۇۋالغانلىقى سەۋەبىدىن غەززەنىڭ سەھىيە سىستېمىسىنىڭ «ۋەيران بولغانلىقىنى» بىلدۈردى. بۇ ئەھۋال، بولۇپمۇ يارىدار بىمارلار كۆپلەپ كېلىۋاتقان ۋاقىتتا، يارىدارلارنىڭ ئالاھىدە داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەنگلىيەنىڭ لېدس شەھىرىدە تراۋما بىمارلىرىغا سۈنئىي قول-پۇت جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغان «ProActive Prosthetic» شىپاخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەسەدۇللاھ خان مۇنداق دېدى:

«سەھىيە خادىملىرى ۋە بىمارلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان ئەھۋاللاردا، يىراقتىن داۋالاش مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، سەپەر قىلماي ياكى ئالاھىدە مەركەزلەرگە بارماي تۇرۇپ تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە كۆزىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ.»

بىيونىكس شىركىتى بۇ خىل ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىشتا كەڭ كۆلەمدە باشلامچى بولۇشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما مەبلەغ يەنىلا بىر توسالغۇ بولماقتا ۋە شىركەتمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەمكارلىقلارنى ئورنىتىشقا تىرىشماقتا.

سىدرا ئۈستىگە كىچىك بىر بىلەيزۈك تاقىۋالغان يېڭى قولىغا كۆنۈشكە تىرىشماقتا. ئۇ ئالدىنقى يىلى ئىككى قولى بىلەن يۈرەك شەكەللەندۈرمەكچى بولسا، بۇ ئاددىي ھەرىكەتنى تاماملاش ئۈچۈن باشقىلاردىن ياردەم سورايتتى. بۇ قېتىم ئۇ بۇ شەكىلنى ئۆزى يالغۇز تاماملىيالىدى، ئارقىدىنلا بىر پارچە رەسىمگە تارتىپ، نۆۋەتتە غەززەدە قاپسىلىپ قالغان دادىسىغا ئەۋەتتى.

«مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم، دادام بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنى ئىككى قولۇم بىلەن قۇچاقلاشتۇر.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى