تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «تۈركىيە COP31 گە ساھىبخانلىق قىلىشقا ۋە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەييار»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا: «پەلەستىن خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئىرادىمىز ۋە تەييارلىقىمىز ھەر ۋاقىتتىكىدەك داۋام قىلماقتا» دېدى.
ئەردوغان: «تۈركىيە COP31 گە ساھىبخانلىق قىلىشقا ۋە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەييار»
ئەردوغان: «تۈركىيە COP31 گە ساھىبخانلىق قىلىشقا ۋە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەييار» / Anadolu Agency

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي ئافرىقانىڭ يوھاننېسبۇرگ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا رەھبەرلەرگە سۆزلىگەن نۇتقىدا، تۈركىيەنىڭ كېلەر يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى COP31 گە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاۋسترالىيەنىڭ ساھىبخانلىق ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىشىدىن كېيىن، تۈركىيە كېلەر يىللىق COP31 كىلىمات باشلىقلار يىغىنىنى ئاقدېڭىز ساياھەت شەھىرى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شەنبە كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە نىشانلىرىنى تەكىتلەپ، 2035-يىلغىچە قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسى سىغىمىنى تۆت ھەسسە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى، بۇ يىل قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدىكى نىسبىتىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا 60% تىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان، غەززە مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، ئۆتكەن ئاي ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دۇنياۋى مۇقىملىق ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىق پەلەستىننىڭ تەرەققىيات تىرىشچانلىقلىرىنى 70 يىل ئارقىغا چېكىندۈردى» دېدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى قوللاش ۋە پەلەستىن رايونىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ھەر ۋاقىتتىكىدەك پەلەستىن خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشتا ئىرادىمىز قەتئىي ۋە تەييارمىز» دېدى.

جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يوھاننېسبۇرگ شەھىرى، دۇنيانىڭ ئەڭ جىددىي مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئىككى كۈنلۈك رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - G20 leaders pledge to push for ‘just, comprehensive peace’ in Sudan, DRC, Palestine, and Ukraine
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ