سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
YouTube ترامپ دەۋاسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 24 مىليون 500 مىڭ دوللار تۆلەيدۇ
YouTube ترامپنىڭ سەھىپىسىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇش دەۋاسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 24 مىليون 500 مىڭ دوللار تۆلەيدۇ.
YouTube ترامپ دەۋاسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 24 مىليون 500 مىڭ دوللار تۆلەيدۇ
YouTube ترامپ دەۋاسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 24 مىليون 500 مىڭ دوللار تۆلەيدۇ / Reuters

 

Alphabet شىركىتىگە تەۋە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش مۇنبىرى بولغان YouTube، ترامپنىڭ كېڭەش بىناسىدىكى مالىمانچىلىقتىن كېيىن چەكلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن سۇنغان ئەرز دەۋالىرىنى ھەل قىلغان ئەڭ ئاخىرقى چوڭ تېخنولوگىيە شىركىتى بولۇپ قالدى.

Alphabet شىركىتىگە تەۋە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش مۇنبىرى بولغان YouTube، 2021-يىلى 1-ئايدىكى كېڭەش بىناسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن، سەھىپىسىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئەرز مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 24 مىليون 500 مىڭ دوللار تۆلەشكە قوشۇلدى.

بۇ كېلىشىم گۇگولنى، ترامپ 2021-يىلى 7-ئايدا سۇنغان ۋە كونسېرۋاتىپ قاراشلارنى قانۇنسىز بېسىقتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئەرزلەرنى ھەل قىلغان ئۈچ چوڭ تېخنولوگىيە شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ترامپ يەنە X ۋە فېيسبۇكنىڭ ئىگىسى Meta  ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ئۈستىدىنمۇ سوتقا ئەرز سۇنغان ئىدى.

Meta  ۋە X بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا قوشۇلدى. 1-ئايدا، Meta 25 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 22 مىليون دوللار ترامپنىڭ مىيامىدا پىلانلىغان پىرېزىدېنت كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇش فوندىغا بېغىشلانغان ئىدى.

2-ئايدا بولسا، X تەخمىنەن 10 مىليون دوللارلىق كېلىشىم تۈزدى.

YouTube كېلىشىمىگە ئاساسەن، ترامپنىڭ ئاقسارايدا قۇرۇۋاتقان 200 مىليون دوللارلىق چوڭ زالنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان پايدا ئالمايدىغان بىر تەشكىلات بولغان «Trust for the National Mall» غا ترامپ نامىدىن 22 مىليون دوللار تۆلىنىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 90 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق بۇ مۇئەسسەسەنىڭ ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدىغان 2029-يىلى 1-ئايدىن  بۇرۇن تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

كېلىشىمنىڭ قالغان قىسمى، كونسېرۋاتىپ سىياسىي ھەرىكەت كونفېرانسىنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان «ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلار بىرلەشمىسى» ۋە ئامېرىكالىق يازغۇچى ناۋمى ۋولفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەۋادىكى باشقا ئەرز سۇنغۇچىلارغا بېرىلىدىكەن.

ھەرقانداق خاتا ئىش قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان YouTube، كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە مەھسۇلات ياكى سىياسىي بەلگىلىمىلىرىگە ئۆزگەرتىىش كىرگۈزمەيدىكەن.

ترامپنىڭ سەھىپىسى 2021-يىلى YouTube تىن پۈتۈنلەي  ئۆچۈرۈۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، يېڭى ۋىدېيولارنى يوللاش ئىقتىدارى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ سەھىپىسى 2023-يىلى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىدى.

 بۇ دەۋالارغا كېڭەش بىناسىدىكى مالىمانچىلىقتىن كېيىن، چوڭ مۇنبەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق خەۋپىنى باھانە قىلىپ، ترامپنىڭ سەھىپىلىرىنى چەكلەش قارارى سەۋەب بولغانىدى.

ترامپ چەكلەش قارارلىرىنىڭ سىياسىي مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى