تۈركىيە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە قازاقىستاننىڭ 33 – يىللىق مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.
تۈركىيە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى / TRT Uyghur
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستاننىڭ 33 – يىللىق مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى.
باياناتتا: «دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى مۇبارەك بولسۇن!» دېيىلدى.
قازاقىستان 1991-يىلى 16-دېكابىردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئىدى.