ترامپ: «ئامېرىكا بىۋاسىتە قاتناشقان ئىران ھۇجۇملىرىنىڭ مەقسىتى «ئەركىنلىك» ئېلىپ كېلىش»
پىرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملارنى ئاقلاپ، مەقسىتىنىڭ تەھدىتلەرنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىرانلىقلار ۋە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بىر كەلگۈسىگە ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە ھاۋا ھۇجۇملىرى باشلىنىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن، ئىران خەلقىگە «ئەركىنلىك» ئېلىپ كېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ «ۋاشىنگتون پوچتاسى» گېزىتىنىڭ قىسقا بىر تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «مېنىڭ بىردىنبىر ئارزۇيۇم خەلق ئۈچۈن ئەركىنلىكتۇر. مەن بىخەتەر بىر دۆلەت بولۇشىنى خالايمەن، بىز ئېرىشىدىغان نەتىجە دەل مۇشۇ بولىدۇ» دېدى.
بۇ باياناتلار ترامپنىڭ شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەتلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھرلىگەن قىسقا بىر سىنلىق ئۇچۇرىدا، ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان تۇنجى ئاممىۋى باياناتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ترامپ ئاۋازلىق ئۇچۇرىدا: «بىر ئاز ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراندا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى باشلىدى. مەقسىتىمىز ئىران ھۆكۈمىتىدىن كېلىۋاتقان يېقىنقى تەھدىتلەرنى يوقىتىش ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىنى قوغداشتۇر» دېدى.
ئۇ يەنە: «ئۇلارنىڭ تەھدىت خاراكتېرلىك پائالىيەتلىرى بىۋاسىتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى، ئەسكەرلىرىمىزنى، چەت ئەلدىكى بازىلىرىمىزنى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
«نىشان ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانائىتى»
ترامپ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى يوقىتىشقا، بومبا سانائىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشقا ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنى يوقىتىشقا ۋەدە بەردى، شۇنداقلا ئىراننىڭ ھەرگىز يادرو قورالىغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ئۇ: «بىز ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى يوقىتىمىز ۋە بومبا سانائىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمىز. ئۇ پۈتۈنلەي، قايتىدىن يوقىتىلىدۇ» دېدى.
ترامپ يەنە: «رايوندىكى تېررورلۇق ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئەمدى رايوننى ياكى دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى بۇزالماسلىقىنى، قوراللىق كۈچلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلالماسلىقىنى ھەمدە بەزىدە يول بويى بومبىسى دەپ ئاتىلىدىغان قولدا ياسالغان پارتلاتقۇچلار بىلەن نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغغان مىڭلىغان كىشىنى ئېغىر يارىلاندۇرالماسلىقىنى ياكى ئۆلتۈرەلمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز» دېدى ۋە ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشەلمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنى شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەتلەردە «شىرنىڭ ھۆركىرىشى» دەپ ئاتالغان ھەرىكەت دائىرىسىدە ئىرانغا قارىتا «ئالدىنى ئېلىش» دەپ سۈپەتلىگەن بىر ھۇجۇمنى باشلىغانلىقىنى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتە «ئالاھىدە ۋە دەرھال» يولغا قويۇلىدىغان جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بۇ ھۇجۇملار ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسى مەسىلىسىدە ۋاشىنگتون بىلەن تېھران ئوتتۇرىسىدا ئوماننىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى. جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان ئىدى.
ئۆتكەن ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكا 12 كۈن داۋاملاشقان ئىسرائىلىيە-ئىران ئۇرۇشى جەريانىدا ئىرانىدىكى ئۈچ يادرو ئەسلىھەسىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.