خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تېھران دائىرىلىرى، مەزكۇر يالغان دەۋانىڭ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىنى ھەققانىي كۆرسىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ11-كۈنى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ئامېرىكاغا ياكى ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانغان» دېگەن دەۋالىرىنى رەت قىلىپ، بۇ ئەيىبلەشنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ سۈپەتلىدى.

ئاراقچى X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا: «ئىراننىڭ ئامېرىكاغا ياكى ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىگە نىسبەتەن مەيلى مۇداپىئە خاراكتېرلىك بولسۇن ياكى ئالدىن پىلانلانغان بولسۇن، ھۇجۇم پىلانلىغانلىقى ھەققىدىكى دەۋا تولۇق ۋە مۇتلەق يالغاندۇر» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى. ئۇ يەنە مەزكۇر دەۋانىڭ «Operation Epic Mistake» (خاتاشقان ھەرىكەتنى داستانلاشتۇرۇش) ھەققانىي كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ «ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن پىلانلانغان ۋە ئادەتتىكى ئامېرىكالىقلار تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن بىر تەۋەككۈلچىلىك» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى بىرلىكتە ھۇجۇم باشلىشى بىلەن رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەت تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. تېھران بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تۇرۇۋاتقان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشانلىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ئۆچ ئالدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US will launch 'most intense' strikes on Iran yet: Pentagon chief

10 مىڭغا يېقىن ئاممىۋىي رايون ھۇجۇم نىشانى قىلىندى

ئىراننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىرلەشمە ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 1300 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىرانلىق ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇملار پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قەستەن پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشانلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 9669 پۇقراۋى سورۇن ۋەيران قىلىنغان. ئەمەلدار يەنە ھۇجۇملارنىڭ 32 سەھىيە ئورنى، 65 مەكتەپ، ئىران قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتىگە تەۋە 13 بىنا ۋە بىر قانچە ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېھران ۋە باشقا شەھەرلەردىكى يېقىلغۇ ئامبارلىرىنىڭمۇ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭدىن زەھەرلىك بۇلغۇنۇشلارنىڭ تارقىلىشى كېلىپ چىققانلىقىنى، ھەمدە  پۇقرالار، بولۇپمۇ بالىلار ئۈچۈن ئېغىر ساغلاملىق خەۋپى ياراتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىران يەنە پارتلاشلاردىن كېلىپ چىققان بۇلغىنىشنىڭ ئاھالىلەر ئۈچۈن مۇھىم ساغلاملىق ئەندىشىلىرىنى تۇغدۇرغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئەمەلدار بۇ ھۇجۇملارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ۋە 1961-يىللىق ۋيېنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟