ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىغانلىقىنى بىلدۈرۇپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش قارارىنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

By
تېھران، ئىراندا شاھران يېقىلغۇ باكىلىرىغا قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، تۈتۈن كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، كىشىلەر ۋەيران بولغان بىر ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرماقتا. 2026-يىلى 8-مارت. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىرانغا تەۋە بارلىق دېڭىز پاراخوتلىرىنى چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ترامپ «Fox News» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئىراننىڭ بارلىق پاراخوتلىرىنى چۆكتۈرۈۋەتتۇق ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ۋەيران قىلدۇق، ھازىر ئۇلارنىڭ پەقەت %20 لىك كۈچىلا قالدى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى يەنە ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئورتاق ھەربىي ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە، نېتانياھۇ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرلىكتە قارار چىقىرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ «Times of Israel» گېزىتىنىڭ تېلېفون زىيارىتىدە، نېتانياھۇنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشتا رولىنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالغا: «مېنىڭچە بىز ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىمىز. بىز دائىم سۆزلىشىپ تۇرۇۋاتىمىز. مۇۋاپىق ۋاقىتتا بىر قارار چىقىرىمەن، ئەمما ھەممە ئامىللار ئويلىشىلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. ترامپ ئامېرىكا ھۇجۇملىرى توختىغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى يەككە ھالدا داۋاملاشتۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلىپ: «مېنىڭچە بۇنىڭغا ھاجەت قالمايدۇ» دېيىش بىلەن كۇپايىلەندى.

ئاقساراي جۈمە كۈنى ئۇرۇشنىڭ 4 ھەپتىدىن 6 ھەپتىگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، بۇ ۋاقىت جەدۋىلى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئۆزگەردى. پىرېزىدېنت ترامپ ئۇرۇشقا ئالاقىدار ئېنىق بىر كۈنتەرتىپ بېرىشتىن كۆپ قېتىم ئۆزىنى قاچۇردى.

رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى. مەزكۇر ھۇجۇملاردا ئىران ئالىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامەنېي، 150 تىن ئارتۇق قىز ئوقۇغۇچى ۋە نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىران ھۆكۈمىتى رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرى، دىپلوماتىك ئەسلىھەلەر ۋە ھەربىي قىسىملاردىن سىرت، نۇرغۇنلىغان ئىسرائىلىيە شەھەرلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. بۇ توقۇنۇشلاردا كەم دېگەندە ئالتە ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى. ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى داۋاملىق كۆپەيمەكتە؛ بەزى دوكلاتلار تېھراننىڭ ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

يەكشەنبە كۈنى سەھەردە ئىران مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشى دۆلەتنىڭ يېڭى ئالىي رەھبىرى سۈپىتىدە، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەلى خامەنېينىڭ ئورنىغا ئوغلى مۇجتەبا خامەنېينى سايلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنى تېزلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ياش خامەنېينىڭ تەيىنلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ «ABC News» قانىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، يېڭى رەھبەر مۇجتەبا خامەنېينىڭ «ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۇ بىزنىڭ تەستىقىمىزنى ئېلىشقا مەجبۇر، ئەگەر بىزنىڭ ماقۇللىقىمىزنى ئالمىسا، ئۇزۇن ۋاقىت تەختتە تۇرالمايدۇ. بىز ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم كەينىمىزگە قايتىپ بۇ مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالىمايمىز. مېنىڭدەك قەتئىي ئىرادىگە ئىگە بىر پىرېزىدېنت بولمىغان چاغدا، بۇنداق قىيىن ئەھۋالغا قالماسلىقىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.