تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى مالايشىيا بىلەن تاكتىكىلىق ماشىنا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى («IDEF 2025») جەريانىدا مالايشىيا بىلەن تاكتىكىلىق ماشىنا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ.
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى مالايشىيا بىلەن تاكتىكىلىق ماشىنا كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
/ AA

تۈركىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىسى «كاتمەرجىلەر» شىركىتى، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسىدە، مىناغا چىداملىق «خىزىر» ماشىنىسىنى ۋە ئۆزگىچە شوپۇرسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتىنى كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«كاتمەرجىلەر» شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ ھەپتە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى يەرمەنكىسى («IDEF 2025») جەريانىدا، يېنىك تىپتىكى  4x4  تىپلىق تاكتىكىلىق ماشىنىسى «ئەرەن» توغرىسىدا مالايشىيا بىلەن كېلىشىم ئىمزالىنىدىكەن.

«كاتمەرجىلەر» شىركىتى بۇ يىلقى «IDEF 2025» يەرمەنكىسىگە مىنا ۋە پىستىرمىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان خادىم توشۇغۇچى «خىزىر» ناملىق ماشىنىسى؛ ھەمدە تۈركىيەدە ئۆز تۈرى بويىچە بىردىنبىر بولغان، «يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان قورال سۇپىسى ۋە ئىز قوغلاش سىستېمىسى (UKAP)» سەپلەنگەن «O-İKA 2» ناملىق شوپۇرسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتىنىڭ ئالاھىدە نۇسخىسى بىلەن قاتنىشىدۇ.

«خىزىر»  ماشىنىسى پۇختا برونىكىسى، V شەكىللىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كوزۇپى ۋە ئېنېرگىيەنى سۈمۈرەلەيدىغان ئورۇندۇقلىرى سايىسىدا، مىنا ۋە قولدا ياسالغان پارتلاتقۇچلارغا قارشى ئۈنۈملۈك مۇداپىئە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ماشىنا 400 ئات كۈچىگە ئىگە موتورى ئارقىلىق يېزا ۋە شەھەرلەردىكى كەسكىن توقۇنۇش شارائىتىدا يۇقىرى ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان قورال سىستېمىسى ھەرىكەتچان نىشانلارنى قۇلۇپلاپ نىشانغا ئالالايدۇ.  «خىزىر» توققۇز نەپەر خادىم بىلەن سائىتىگە 120 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە يۈرەلەيدىغان بولۇپ، ئۆز ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بولۇپ،  70% لىك يانتۇلۇقتا ماڭالايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، «كاتمەرجىلەر» شىركىتىنىڭ تۇنجى شوپۇرسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتى سىستېمىسى بولغان  «UKAP»، «كاتمەرجىلەر» ۋە «ئاسەلسان» (Aselsan) قاتارلىق تۈركىيەنىڭ ئىككى چوڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى شىركىتىنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، «ئاسەلسان» نىڭ «SARP»  يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان قورال سىستېمىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە سىستېمىسى سەپلەنگەن. «UKAP» نىڭ 60% لىك يانتۇلۇققا چىقىش، 40% لىك يانتۇلۇقتا مېڭىش ئىقتىدارى بار، ئۇ 900 مىللىمېتىرلىق ئۆستەڭدىن، 400 مىللىمېتىرلىق تىك توسالغۇدىن ئۆتەلەيدۇ ۋە بىر مېتىرىك توننىغىچە يۈك كۆتۈرەلەيدۇ.

تېرمال ۋە ھەرىكەتلىك كامېرالار ھەمدە سېنزورلار سەپلەنگەن «UKAP» سۇپىسى كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىيەلەيدۇ: ئۇ چېگرا رازۋېدكا ئاپپاراتى سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ، مىنا تازىلاش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىيالايدۇ؛ ئوق ئۆتمەس بۆلمىسى ئارقىلىق توقۇنۇش رايونلىرىدا يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش ۋە تارقاقلاشتۇرۇش ماشىنىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ؛ يۈك، ئوق-دورا ۋە ئەسلىھەلەرنى توشۇيالايدۇ، شۇنداقلا زۆرۈر تېپىلغاندا ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلارنى سۆرەپ ماڭالايدۇ.

«كاتمەرجىلەر» شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە ئەمەلدارى فۇرقان كاتمەرجى ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، شىركىتىنىڭ «IDEF 2025» يەرمەنكىسى جەريانىدا ئىستانبۇلدا مالايشىيانىڭ «DEFTECH» شىركىتى بىلەن «ئەرەن»  4×4 ماشىنىسى ئۈچۈن يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى رەسمىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا ھەر ئىككى شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئائىلە فېستىۋالىنى زىيارەت قىلدى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەدىنەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەردوغان: «تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە» تىرىشچانلىقلىرى رەقىبلەرنى چەكلەش رولىنى ئوينىدى
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى قولغا چۈشۈردى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەئىسى ئال نەھيان مىنىستىر خاقان فىداننى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن خەلققە خىتاب قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گېرمانىيە شىمالىي رېيىن-ۋېستفالىيە ئىشتاتى باش مىنىستىرىنى قوبۇل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىدۇ