تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتۆ ئەزاسى قولغا ئېلىندى
15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ) ئەزاسى قولغا ئېلىندى.
ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتۆ ئەزاسى قولغا ئېلىندى
ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتۆ ئەزاسى قولغا ئېلىندى

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-ئىيۇل (2026) ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى جەريانىدا مارمارىستا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى (FETÖ) ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا تەركىبىدىكى ب.ك (B.K) نىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ساقچى ئىدارىسى ۋە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئافيونكاراھسار ۋە ئەسكىشەھەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ ئاخبارات شۆبىلىرى تەرىپىدىن بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان.

ئىز قوغلاش نەتىجىسىدە، 15-ئىيۇل ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا قاتناشقان، قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، خىزمەتتىن ھەيدەلگەن يۈزبېشى ۋە سابىق تىك ئۇچار پىلوتى لىيۇتچىكى بولغان تېررورچى ب.ك نىڭ يوشۇرۇنغان ئورنى بېكىتىلگەن.

تېررورچى ب.ك ئافيونكاراسىھسار ساقچى ئىدارىسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش شۆبىسىنىڭ ئەترەتلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

يوشۇرۇنغان ئۇۋىسىدا قولغا ئېلىندى

ساقچى ئىدارىسىدە بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان ب.ك نىڭ شەھەر مەركىزىدىكى «ئىناز يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلىرى» (İnaz Deprem Evleri) دا ئۇۋا تۇتقان تەشكىلاتقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۇيىقەست قىلىشتىن كېيىن قولغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن توختىماي قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ يۈرگەن تېررورچى ساختا كىملىك ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ كىملىكى چىراي تونۇش سىستېمىسىدا ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن، كىملىكى بېكىتىلگەن. بىر مەزگىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈلگەن ب.ك كۆپ مىقداردا پۇل بىلەن چەت ئەلگە قېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا قولغا چۈشۈرۈلگەن.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ