خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكا يەنە ھۇجۇم قىلسا، ئۇرۇش پەقەت غەربىي ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ
ئىران ئارمىيەسى باياناتچىسى مۇھەممەد ئەكرەمىنىيا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئامېرىكا يەنە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، ئىراننىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە كەسكىن قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكا يەنە ھۇجۇم قىلسا، ئۇرۇش پەقەت غەربىي ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ
Demonstrators protest against military action in Iran after U.S. President Donald Trump said that he had agreed to a two-week ceasefire, in Washington

ئىراننىڭ «مەھر» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى، بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد ئەكرەمىنىيا بىر رادىيو پىروگراممىسىدا ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم تەھدىتلىرى ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىران تەرەپ «دۈشمەن نىشانلىرى تىزىملىكى»نى يېڭىلىغان بولۇپ، قوراللىق كۈچلەرنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

ئەكرەمىنىيا سۆزىدە: «ئەگەر ئامېرىكا يەنە تاجاۋۇز قىلسا، بىز دەرھال بۇرۇنقىدىنمۇ كەڭ كۆلەملىك ۋە ۋەيران قىلغۇچ قايتۇرما زەربە بېرىمىز. يېڭى بىر ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئۇرۇش مەيدانى پەقەت غەربىي ئاسىيا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئىراننىڭ ئالىي دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ مۇجتەبا خامەنېي 31-ئۆكتەبىر كۈنى ئىران قوراللىق قىسىملىرى باش ئىشتابى باشلىقى، مايور گېنېرال ئەلى ئابدۇللاھى، ئىران ئارمىيەسى باش قوماندانى، مايور گېنېرال ئەمىر ھاتەمى ۋە ئىسلام ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنى باش قوماندانى، مايور گېنېرال ئەھمەد ۋەھىدى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن. خامەنېي بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا قوراللىق قىسىملارغا دۈشمەننىڭ ھەر قانداق ھۇجۇمىغا قارىتا «جۇغراپىيەلىك چەكلىمىلەرگە قارىماي، دەرھال ۋە ئۈنۈملۈك قايتۇرما زەربە بېرىش»نى بۇيرۇغان.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ قەشم ئارىلىغا «چەكلىك» زەربە بەردى
بېلەت تاشلاش باشلاندى: نەتىجە ترامپنىڭ قالغان ئىككى يىللىق ۋەزىپە مۇددىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
رۇسىيە: ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا
كېرېمىل سارىيى: زېلېنىسكىي تېلېفون قىلسا، پۇتىن جاۋاب بېرىدۇ
تەيۋەن: خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 19 قېتىم ئۇچتى
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردا ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردىمۇ؟
قاتىل نېتانياھۇغا قارشى پارلامېنتتا كۈچ بىرلىكى
ھامانېي: «ھۇجۇملارغا جۇغراپىيەلىك چەك – چېگرا تونۇمايدىغان شىددەتلىك جاۋاب قايتۇرۇلسۇن»
روسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق»
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئىرانغا قارشى «ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش» ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە 10 ھەربىي يۈك ئايروپىلانى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى
رۇسىيە ئۇكرائىناغا تەۋە 1214 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كېچىچە رۇسىيەنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ پويىز ئىستانسىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 14 كىشى قازا قىلدى
فلاۋىيو بولسونارو ئامېرىكىغا قاچتى. تىرامپ بىرازىلىيە سايلىمىنى «نومۇس قىلارلىق» دەپ سۈپەتلىدى
شىمالىي كورېيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى سىناق قىلدى
نېتانياھۇ يېڭى سايلام تەلەپ قىلماقچى، ئەمما ئۆكتىچىلەر بۇنى توسۇپ قالالايدۇ
سومالىدا ئەششەباب تەشكىلاتىغا قارشى ھەرىكەتتە كەم دېگەندە 75 مىلىتان ئۇجۇقتۇرۇلدى
«ئارناب» سىكلونلۇق بورىنى بېنگال قولتۇقى رايونىدىكى دۆلەتلەردە تۇرمۇشقا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى