خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
لىۋان تاراتقۇلىرى: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھۇجۇملاردا فوسفورلۇق بومبا ئىشلەتمەكتە
لىۋان ئارمىيەسى پارتلىمىغان ئىسرائىلىيە بومبىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا، ئىسرائىلىيە زەمبىرەك ئېتىپ نەباتىيە ۋە سۇر رايونلىرىدىكى جايلارغا ھۇجۇم قىلدى.
لىۋان تاراتقۇلىرى: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھۇجۇملاردا فوسفورلۇق بومبا ئىشلەتمەكتە
لىۋان تاراتقۇلىرى: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى ھۇجۇملاردا فوسفورلۇق بومبا ئىشلەتمەكتە / AA Archive

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن يېزا-بازارلارنى زەمبىرەك ئوقىغا تۇتتى ۋە بەزى ھۇجۇملاردا فوسفورلۇق بومبا ئىشلەتتى.

لىۋان ئورگان خەۋەر ئاگېنتلىقى (NNA) جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ نەباتىيە رايونىدىكى زەۋتار ئەششەرقىييە، مەيفادۇن ۋە نەباتىيە ئەلفەۋقانىڭ سىرتقى قىسىملىرىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەباتىيە ئەلفەۋقا ۋە زەۋتار ئەششەرقىييەگە قارىتىلغان ھۇجۇملاردا فوسفورلۇق ئوقلار ئىشلىتىلگەن.

شۇنداقلا زەمبىرەك ئوقى سۇر رايونىدىكى ۋادى زىبكىن بىلەن خارىس ۋە ھادداتانىڭ سىرتقى قىسىملىرىنىمۇ نىشان قىلغان.

پارتلىمىغان ئىككى ئاۋىياتسىيە بومبىسى بىر تەرەپ قىلىندى

بۇ جەرياندا، لىۋان ئارمىيەسى مۇتەخەسسىسلىرى مەرجايۇن ۋە بىن جۇبەيىل رايونلىرىدىكى مەجدەل سەلم ۋە ئەلغاندۇرىييەدە ئىسرائىلىيەگە تەۋە پارتلىمىغان ئىككى دانە ئاۋىياتسىيە بومبىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، بىخەتەر بىر رايونغا يۆتكىدى.

لىۋان دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بومباردىمانلار مارت ئېيىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئاز دېگەندە 4 مىڭ 386 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە، 12 مىڭ 407 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرى، ئىيۇن ئېيىدا ھاسىل قىلىنغان ۋە لىۋان ئارمىيەسىنىڭ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە ھىزبۇللاھنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى بەدىلىگە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى لىۋان تېررىتورىيەسىدىن باسقۇچقا بۆلۈپ چېكىنىشىنى كۆزدە تۇتۇلىدىغان بىر رامكا كېلىشىمىگنىڭ مەۋجۇتلىقىغا پىسەنت قىلماستىن داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى