ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
«ئاسەلسان» 1مىليارد 300 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاپ، ئېكسپورتتا يېڭى رېكورت ياراتتى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ نۇقتىلىق شىركىتى بولغان «ئاسەلسان»نىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى كىرىمى %11.3 ئېشىپ، 1 مىليارد 320 مىليون دوللارغا يەتتى. شىركەتنىڭ تەتقىقات-تەرەققىيات خىراجىتىمۇ %42 ئېشىپ، 572 مىليون دوللارغا ئۆرلىدى.
«ئاسەلسان» 1مىليارد 300 مىليون دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاپ، ئېكسپورتتا يېڭى رېكورت ياراتتى
يېرىم يىللىق يېڭى كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2.8 مىليارد دوللار بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ شۇ مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %10 ئاشتى. / AA

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىنىڭ باشلامچىسى «ئاسەلسان» شىركىتى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا جەمئىي 1 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى جاكارلىدى. شىركەت باياناتىدا، ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا، «ئاسەلسان» نىڭ ساپ كىرىمى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %11.3 ئېشىپ، 53.7 مىليارد تۈرك لىراسىغا (تەخمىنەن 1.32 مىليارد دوللار) يەتتى. بۇ نەتىجىنىڭ قولغا كېلىشىدە، ھاۋا مۇداپىئەسى، ئېلېكتىرو-ئوپتىكا، رادار، ئاۋىياتسىيە ئېلېكتىرونىكىسى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش، بىخەتەرلىك ۋە قورال-ياراغ سىستېمىلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىمزالانغان يېڭى كېلىشىملەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %10 ئاشتى. شىركەتنىڭ زاكاز زاپىسى بولسا %30 لىك ئېشىش بىلەن 16 مىليارد دوللارغا يەتتى.

ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا ئەمەلىي ئاساستا %15 ئاشقان ئۆسۈم، باج، قىممەتسىزلىنىش قاتارلىقلاردىن بۇرۇنقى كىرىم 319.7  مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، پايدا %25 سەۋىيەسىدە مۇقىملاشتى. شۇ مەزگىلدە زاكاز/كىرىم نىسبىتى ئىككى ھەسسە خاتىرىلىنىپ، «ئاسەلسان» بۇ كۆرسەتكۈچ بىلەن ساھەدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.

2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، «ئاسەلسان» نىڭ تەتقىقات ۋە تەرەققىيات (Ar-Ge) خىراجىتى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %42 ئېشىپ، 572 مىليون دوللارغا يەتتى. ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى بولسا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە ئېشىپ، 104 مىليون دوللارغا يەتتى.

«ئاسەلسان» باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئەھمەت ئاقيول، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئايلىق مالىيە نەتىجىلىرىنى باھالاش يىغىنىدا، 2024-يىلى يولغا قويۇلغان «Aselsan NEXT» پىلانى ئارقىلىق شىركەتنىڭ كۈچلۈك مالىيە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئىككىنچى چارەكلىك نەتىجىلىرىمىز، بۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىمۇ ساقلاپ قالالىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى» دېدى.

ئۇ يەنە: «بۇ مۇۋەپپەقىيەتتە ئاساسلىقى ئۈچ ئامىلنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىققانلىقىنى ئېيتىشىمىز كېرەك: بىرىنچىسى، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا مەركەزلىشىپ، مەھسۇلاتلارنى تېزدىن بازارغا سېلىش؛ ئىككىنچىسى، ئۈنۈمدارلىقنى ئاشۇرۇش؛ ئۈچىنچىسى، مىللىيلەشتۈرۈش پائالىيەتلىرىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئاقيول «ئاسەلسان» نىڭ بازار قىممىتىنىڭ 21 مىليارد دوللاردىن ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شىركەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىسىنىڭ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە بولغان ئېتىقادىنىڭ جانلىق ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەھمەت ئاقيول سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىمۇ ئوخشاش قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز. تەتقىقات-تەرەققىيات ۋە سېلىنمىلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز. بولۇپمۇ ھاۋا مۇداپىئەسى، رادار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوق-دورا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ۋە ئېلېكتىرو-ئوپتىكا قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز. ئېكسپورتنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات ئىستراتېگىيەمىز ئارقىلىق يېڭى بازارلارغا يۈزلىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى