ئەردوغان G20 باشلىقلار يىغىندا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى
ئەردوغان G20 نىڭ «جەمئىيەتكە قۇچاق ئېچىش بىلەن ئاچارچىلىق ۋە يوقسۇللۇققا قارشى كۈرەش» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە: «غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي بالايىئاپەتكە قارشى يەنە بىر قېتىم دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى چاقىرىق قىلىمەن» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19-نويابىر (2024) دۈشەنبە كۈنى بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ «جەمئىيەتكە قۇچاق ئېچىش بىلەن ئاچارچىلىق ۋە يوقسۇللۇققا قارشى كۈرەش» تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆزىدە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى قايتا تەكىتلىدى.
ئەردوغان مۇنداق دېدى:
«مەن غەززەدىكى ئىنسانىي بالايىئاپەت ئالدىدا يەنە بىر قېتىم دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىمەن. غەززەدە %96 ئاھالە، يەنى 2 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر يېمەك-ئىچمەك ۋە پاكىزە سۇغا ئېرىشەلمەيدۇ» دېدى.
ئۇ غەززەدىكى ئاچارچىلىق خەۋىپىنىڭ خەلقئارالىق تۈرگە ئايرىلغاندا «بالايىئاپەت» دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «ھۇجۇمنىڭ كۆپىيىشى ۋە قىش پەسلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، غەززە خەلقىنىڭ شارائىتى كۈندىن-كۈنگە ناچارلاشماقتا» دېدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ رايونغا 86 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، لىۋانغا بېرىلگەن ياردەم سوممىسىنىڭ 1300 توننىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ھەر 10 ئادەمدىن بىرىنىڭ ئاچارچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۇنيادا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى بۇنىڭدىن 9 يىل ئىلگىرى ماقۇللىغان «2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ مۆلچەردىكى نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىشنى مەجبۇرىيەت دەپ قارايدىغان ئەنئەنىنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بىرازىلىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدىكى «ئاچارچىلىق ۋە يوقسۇللۇققا قارشى دۇنياۋى ئىتتىپاقى» نىڭ سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن ئەمەس، بەلكى ئەخلاق مەسئۇلىيىتى نۇقتىسىدىن قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ بۇ دۇنياۋى ئىتتىپاقنى بەرپا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا ۋە ئاسىيا، بولۇپمۇ غەززەدىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ھاياتى ۋەيران بولغان پۇقرالارنى ئۆز تەقدىرىگە تاشلاپ قويماسلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
«نۆل تاشلاندۇق» تۈرى دۇنياۋى ھەرىكەتكە ئايلانماقتا
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا ئىگە دۆلەتنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى، بۇنى ئىنسانپەرۋەرلىك تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم قىسمى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، «قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى» نىڭ دۇنيادا يېمەك-ئىچمەك باھاسىنىڭ تېز ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاچارچىلىق خەۋپىنى ئازايتىشقا تۆھپە قوشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ 2015-يىلى G20 نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە تۈزۈلگەن ۋە تەستىقلاشقا سۇنۇلغان «G20 يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېمەك-ئىچمەك سىستېمىسى ھەرىكەت پىلانى» نىڭ نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
«بىز مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېجەش مەدەنىيىتىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن باشلىغان <نۆل تاشلاندۇق تۈرى> ناھايىتى تېزلا دۇنياۋى ھەرىكەتكە ئايلاندى. 30-مارت ب د ت تەرىپىدىن <خەلقئارا نۆل تاشلاندۇق كۈنى> دەپ ئېلان قىلىندى. ئىشىنىمەنكى، دۇنيا ئاچارچىلىق ۋە يوقسۇللۇققا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقى »يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى ئازايتىش ۋە تاشلاندۇقلارنى ئازايتىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن.»
ئۇ ئاخىرىدا دېدى: «تۈركىيە ھەر بىر بالا، ھەر بىر ياش ۋە ھەر بىر ياشانغان كىشىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ۋە بىخەتەر يېمەك-ئىچمەككە ئېرىشەلەيدىغان دۇنيا ئۈچۈن ھەمكارلىشىشقا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنى خالايمەن» دېدى.