پىكىر
4 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ خىتايغا قارشى تاموژنا بېجى توغرىسىدىكى قاتتىق پوزىتسىيەسىنى يۇمشاتتى
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشىنىڭ خىتايغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ترامپ خىتايغا قارشى تاموژنا بېجى توغرىسىدىكى قاتتىق پوزىتسىيەسىنى يۇمشاتتى
Trump recently increased "reciprocal tariffs" on China from 84 percent to 125 percent, on top of a 20 percent fentanyl-related tariff imposed earlier this year, bringing the effective rate to 145 percent for most goods. / AP

ئامېرىكا پىرىزىدېنتى دونالد ترامپ جۇڭگو بىلەن سودا مۇناسىۋىتىدە «ئادىل كېلىشىم» ئېلىپ بېرىش ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشىنىڭ خىتايغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتتى. ئامېرىكا دائىرىلىرى بولسا ۋاشىنگتوننىڭ سودا ئۇرۇشى جىددىيچىلىكىنى قانداق پەسكويغا چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ترامپ خىتاي بىلەن سودىدا «ئادىل كېلىشىم» ھاسىل قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ترامپ ھاكىمىيىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەر ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغۇسى تاموژنا بېجى ئۇرۇشلىرى كىرىزىسىنى قانداق ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيۋاتىدۇ.

ترامپ چارشەنبە كۈنى ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ خىتاي بىلەن «ئادىل كېلىشىم» ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە ۋاشىنگتوننىڭ بېيجىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان-بارمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا «ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ، تاموژنا بېجىنىڭ قانچىلىك تېز تۆۋەنلىتىلىشىنىڭ  بېيجىڭغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە بېيجىڭ بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە ۋاشىنگتون بېيجىڭ بىلەن ئادىل كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىجابىي سىگناللارنى بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئېنىقسىزلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

ترامپ ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن سودا مەسىلىسىدە بىۋاسىتە ئالاقىدە بولۇپ-بولمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا «ھەر كۈنى ئالاقىدە بولۇۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت بولسا چارشەنبە كۈنى ژۇرنالىستلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىسىدە «ھازىرچە» سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

بېسسېنت خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزگەن باھار يىغىنلىرى داۋامىدا قىلغان سۆزىدە: «مېنىڭچە، ھەر ئىككى تەرەپ باشقا تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى كۈتۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، ترامپنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا تۆۋەنلىتىش تەكلىپى سۇنمىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 «ئېمبارگو»

 بېسسېنت يەنە، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قويغان ئىنتايىن يۇقىرى تاموژنا بېجىنىڭ سۆھبەت باشلىنىشتىن بۇرۇن تۆۋەنلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە، ھەر ئىككى تەرەپ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تاموژنا بېجى  سىياسىتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجىنى ئۆزئارا تۆۋەنلەتسە ھەيران قالمايمەن.»

بېسسېنت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ جىددىيچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «بۇ ئېمبارگوغا تەڭ كېلىدىغان بىر ئەھۋال بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق ئەمەستۇر.»

ئۇ، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەرنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

بېسسېنت ترامپنىڭ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك بولۇشى ھەم بەخت ھەم بالايىئاپەتتۇر.»

بېسسېنتنىڭ قارىشىچە، جىددىيلىك مەسىلىسى قايسى شەكىلدە ھەل قىلىنسا قىلىنسۇن، سۆھبەتنىڭ  ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر سەۋىيەسىدە باشلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

ھەممىگە مەلۇمكى، ترامپ ھەر خىل دۆلەتلەر ۋە ئوخشىمىغان ساھەلەرگە قارىتا تاموژنا بېجى سىياسىتىنى ناھايىتى تېز يولغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى مۇستەسنا ئەھۋاللارنىمۇ ئۇنتۇمىدى. ترامپ يېقىندا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ۋە ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرىغا باج قويۇشنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈردى.

«‹Financial Times› گېزىتى» نىڭ چارشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپنىڭ بۇ مۇستەسنا ئەھۋاللارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش  ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. جۈملىدىن، پولات ۋە ئاليۇمىن بىلەن بىرگە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىمۇ خىتايدىن كەلگەن ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان بەزى باجلاردىن مۇستەسنا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ترامپ يېقىندا، خىتايغا قويۇلغان «ئۆزئارا تاموژنا بېجى» نى %84 تىن %125 كە ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا %20 قويۇلغان فېنتانىل بېجى بىلەن بىرلىكتە خىتاينىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان تاموژنا بېجى %145 كە يەتكەن.

خىتاينىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىغا سودا قانۇنىنىڭ ئادىل بولمىغان سودا ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا دائىر 301-نومۇرلۇق قوشۇمچە بەلگىمىلىرىگە ئاساسەن ئىنتايىن يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇلماقتا. مەسىلەن، خىتاينىڭ توك ئاپتوموبىللىرى قاتارلىق بەزى مەھسۇلاتلىرىدىن %245 تاموژنا بېجى ئېلىنماقتا.

خىتاي بۇ ئەھۋالغا جاۋابەن، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا %125 تاموژنا بېجى قويۇپ، يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك سانائەت ساھەلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نادىر قىممەتلىك مېتاللىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەنىدى.

 «ئالدى بىلەن ئامېرىكا دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ پەقەت ئالدى بىلەن ئامېرىكا دېگەن ئۇقۇمنىلا بىلدۈرمەيدۇ»

 بېسسېنت چارشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، بېيجىڭنىڭ ئېكسپورتقا تايىنىدىغان ئىقتىسادىي مودېلىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، چۈنكى بۇ ئەھۋالنىڭ پەقەت خىتايغىلا ئەمەس، بۈتۈن دۇنياغا زىيان كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يەنە، ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تاموژنا بېجىنى يولغا قويۇش سىياسىتى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان سودا تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىسىدە ئامېرىكانىڭ ئايروپىلان سەزگۈرلۈك بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئالدى بىلەن ئامېرىكا دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ پەقەت ئالدى بىلەن ئامېرىكا دېگەن ئۇقۇمنىلا بىلدۈرمەيدۇ»

بېسسېنت ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە يولغا قويۇۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن سودا شېرىكلىرى ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش نىشان قىلىنغان چاقىرىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەمدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ  ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى خەتەرگە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تاللىشىنى تەنقىد قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ بەلگىلىمىلىرى ۋە ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ قوش ئۆلچىمى
ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىدىن ھاسىل بولغان ساۋاقلار: ياۋروپانىڭ تۈركىيەگە سەل قارىشى ئۆزىگە زىيان
ئىسرائىلىيەنىڭ دۇنياغا سېلىۋاتقان چىقىمى كۈنسېرى ئېغىرلاشماقتا
تۈركىيەنىڭ ناتو ئىچىدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان رولى ئىسرائىلىيەنى نېمە ئۈچۈن بىئارام قىلىدۇ؟
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئۇرۇشى ھېچقانداق تەرەپكە ئېنىق غەلىبە ئېلىپ كەلمەيدۇ
ئىران ئۇرۇشىدا تۈركىيە قانداق قىلىپ ئەقىل-پاراسەتنىڭ ساداسى سۈپىتىدە گەۋدىلەندى؟
ناتونىڭ نەزىرى تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سىستېمىسىدا
ئافغانىستان بىلەن پاكىستان قانداق قىلىپ ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق كەسكىنلىشىش نۇقتىسىغا كېلىپ قالدى؟
تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ 48 سائەت ئىچىدە قانداق تازىلاندى؟
ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا خەلقئارالىق نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە
ئەنگلىيە يېڭى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرى پىلانىنىڭ تەستىقلىنىشىنى ئەيىبلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ پائال ھەرىكەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بېلگىيەدىن ئۇكرائىنا پىلانىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى
سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر: ئەنگلىيە ئافغانىستاندا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلدى
تۈركىيە بىلەن پاكىستان پەلەستىن خەلقىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيە كىيېۋغا كېچىچە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيەدە ئاياللارغا قارىتىلغان زورىۋانلىققا قىلچە يول قويماسلىق  سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىرى
ناتسىستلار قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ئۇچۇرى پولشا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تور مۇنازىرىسىگە سەۋە
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن 31-قېتىمىلىق كىلىمات باشلىقلار يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ؟
ياۋروپا ئىتتىپاقى 3000 پەلەستىنلىك ساقچىنى تەربىيەلەشنى پىلانلىماقتا