كارنى:قائىدە-تۈزۈمگە ئاساسلانغان سودا دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى

كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنى (Mark Carney) خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى كونا دۇنيا سودا تۈزۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەردىن بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

كانادا باش مىنىستىرى كارنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. سۈرەت: ئا پ. / AP

كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنى جۈمە (31-ئۆكتەبىر) كۈنى  جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق (APEC)باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىر سودا پائالىيىتىدە سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى:

«قائىدە-تۈزۈمگە ئاساسلانغان ئەركىن سودا ۋە مەبلەغ سېلىش دۇنياسى ئۆتۈپ كەتتى، دۇنيا ئىقتىسادى 1989-يىلى بېرلىن تېمى يىقىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەردىن بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. قائىدە-تۈزۈمگە ئاساسلانغان ئەركىن سودا ۋە مەبلەغ-سېلىنما مۇقىم ئاشقان، نۇرغۇن دۆلەتلىرىمىزنىڭ گۈللىنىشى، جۈملىدىن كانادامۇ گۈللىنىشنى ئاساس قىلغان ئۇ كونا دۇنيا ئەمدى يوق.»

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كارنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق  باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىكەن. بۇ خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا 2017-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى رەسمىي سۆھبەت بولۇپ قالىدىكەن.

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم قەدەم سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە ئىكەن.

كارنىنىڭ ئېيتىشىچە، كانادا كېيىنكى ئون يىلدا ئامېرىكادىن باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلىرىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان.

شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى مۇنداق دېدى:

«نۆۋەتتە، بىر ئەسىردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىشلەر پۈتۈن دۇنيادا تېزلىشىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشچان ۋە داۋالغۇش ئىچىدە تۇرماقتا.»

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق  باشلىقلار يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك باياناتتا، شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن:

«بىز ھەقىقىي كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.»

ئۇ ئېچىۋېتىلگەن رايونلۇق ئىقتىسادىي گەۋدە قۇرۇش، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، سودىدا رەقەملىك ۋە يېشىل ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمدە سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە بېيجىڭنىڭ بازارنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىش ۋەدىسىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ بەش يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاۋار سودىگىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.


مۇناسىۋەتلەرنى جانلاندۇرۇش

 

كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى غەرب ئەللىرى ئىچىدىكى ئەڭ ناچار مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى، ئەمما ھەر ئىككى دۆلەت دونالد ترامپنىڭ تاموژنا بېجىغا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا. گەرچە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ پەيشەنبە (30-ئۆكتەبىر) كۈنى يىرىكچىلىكلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزگەن بولسىمۇ، جىددىي كەيپىيات پەسەيمىدى.

2018-يىلى خىتاينىڭ بىر تېلېگراف شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ۋانكوۋېردا ئامېرىكانىڭ تەلىپىگە بىنائەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئىككى كانادالىقنى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە سولاش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان ئىدى. بۇ ۋەقەلەر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە سوۋۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

كانادا باش مىنىستىرى كارنى ئىيۇل (2025) دا، خىتاي پولات مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىغا قوشۇمچە %25 تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بېيجىڭ بولسا بۇنىڭدىن بىر ئاي كېيىن، كانادادىن قىلىنىدىغان راپس ئۇرۇقى ئىمپورتىغا %75.8 ۋاقىتلىق تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.