سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋستىرالىيە قورال يىغىۋالىدۇ
ئاۋسترالىيە بوندى قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە قورال يىغىۋېلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.
ئاۋستىرالىيە قورال يىغىۋالىدۇ
كىشىلەر بوندى دېڭىز ساھىلىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنى گۈل قويۇپ خاتىرىلىمەكتە. سۈرەت:رويتېرس. / Reuters

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونى ئالبانېس (Anthony Albanese) بوندى ساھىلىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، مەملىكەت مىقياسىدا قورالن يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنى باشلايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ 1996-يىلى پورت ئارتۇر (Port Arthur) دا  35 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان قاتتىق چەكلىمىلەردىن كېيىن، ئىجرا قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ قورال چەكلەش ھەرىكىتى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ئانتونى ئالبانېس جۈمە (2025-يىلى 19-دېكابىر) ئېلان قىلغان باياناتىنى، «كوچىلىرىمىزنى قوراللاردىن تازىلاشقا مەجبۇرمىز» دەپ خۇلاسىلىدى.

ئۇ: «سىدنېينىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان بىر كىشىنىڭ بۇنچىۋالا چوڭ ۋە كۈچلۈك قورالى بولماسلىقى كېرەك. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇندىكى يوچۇقلارنىڭ ئېغىزى ئېتىلىدۇ. قورال ساقلاش قانۇنى تېخىمۇ چىڭىتىلىدۇ. يېڭى پىروگرامما رامكىسى بويىچە، ئارتۇق، يېڭىدىن چەكلەنگەن ياكى قانۇنسىز قوراللارنى دۆلەتكە تاپشۇرغانلارغا ھەق تۆلىنىدۇ» دېدى.

بوندى ساھىلى (Bondi Beach) دىكى قوراللىق ھۇجۇم يەكشەنبە (2025-يىلى 14-دېكابىر) كۈنى يەھۇدىي مەدەنىيەت بايرىمى (شام يېقىش بايرىمى) ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا يۈز بەردى. ئاممىنى ئوققا تۇتۇش نەتىجىسىدە 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. مەسئۇل دائىرىلەر، بۇنىڭ ئاۋستىرالىيە تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قوراللىق ھۇجۇملارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋەقەدىن كېيىن، ساجىد ئەكرەم ۋە ئۇنىڭ ئوغلى تۇتۇلدى. ۋەقەنى تەكشۈرۈش جەريانىدا 50 ياشلىق ساجىد ئەكرەمنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار بويىچە ئالتە دانە يۇقىرى ئىقتىدارلىق مىلتىققا ئىگە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئاۋستىرالىيەدە ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن مىللىي خاتىرىلەش كۈنى ئۆتكۈزۈش پىلان قىلىندى.

باش مىنىستىر ئالبانېس ئاۋسترالىيەلىكلەرنى 21-دېكابىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 18:47دە (ھۇجۇم يۈز بەرگىنىگە دەل بىر ھەپتە بولغاندا) شام يېقىشقا چاقىردى. ئۇ بۇنىڭ دۆلەتتە ئورتاق ماتەم ۋە ھەمكارلىق پەيتى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Australia moves to toughen hate speech laws after deadly Bondi shooting

جۈمە كۈنى يۈزلىگەن ئادەم بوندى دېڭىز ساھىلىغا يىغىلىپ، ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى. سۇ ئۈزگۈچىلەر ۋە دولقۇن تېيىلىش ماھىرلىرى ئەتىگەندە  دولقۇنلار ئارىسىدا چەمبەر ھاسىل قىلدى.

بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيسون كار (Jason Carr) فىرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) غا مۇنداق دېدى: «خەلق ھۇجۇمدىن كېيىن قورقۇشقا تەسلىم بولمىدى. ئۇلار بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى ھەمدە جەمئىيەت بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. دەرت-ئەلەم يېڭى بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار ئارىسىدىكى بالىلار خەير-ساخاۋەت ئورنىنىڭ 58 ياشلىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كارول شلېسسىنگېر (Carole Schlessinger) دېڭىز قىرغىقىدىكى يىغىلىشتا «مۇسبەت ئېنېرگىيە» بارلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا: «بىر يەرگە جەم بولۇش يۈز بەرگەن ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر يولى. بۇنىڭغا قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. شەخسەن ئۆزۈم ناھايىتى روھسىزلىنىپ كەتتىم، ئەمما قاتتىق غەزەپلىنىۋاتىمەن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: يېڭى ئۇرۇش پارتلىسا ۋەيران قىلغۇچ قوراللارنى ئىشلىتىمىز
ئىسرائىلىيە 2 يىللىق ئىنكاردىن كېيىن 5 ياشلىق ھىند رەجەبنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ «ئىقتىسادىي D-Day ھەرىكىتى» ئۆزىنىڭ كىرىزىسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر
رۇمىنىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى چۈشۈپ كەتتى
ناتو ئەمەلدارى: ناتو ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار
خىتاينىڭ شىمالىدىكى بىر سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا 8 كىشى ئۆلدى
ھىندونېزىيەدە يۈز بەرگەن 7.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 71 گە يەتتى