ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە تاموژنا بېجى كېلىشىمى ئىمزالىدى
ترامپ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا كونترول قىلىدىغان سېلىنمىلار ئۈچۈن 350 مىليارد دوللار تۆلىشى ۋە ئېكسپورتىغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى قوبۇل قىلىشىنى مەزمۇن قىلغان يېڭى سودا كېلىشىمىنى ئېلان قىلدى.
ترامپ: ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە تاموژنا بېجى كېلىشىمى ئىمزالىدى
/ AP

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكاغا قىلىدىغان ئېكسپورتىغا %15 تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ترامپ چارشەنبە كۈنى «Truth Social» ئىجتىمائىي تور سۇپىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كورېيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن تولۇق ۋە ئەتراپلىق سودا كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ مەمنۇنمەن» دېدى.

ترامپ كېلىشىمنىڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكاغا 350 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، بۇ مەبلەغنىڭ «ئامېرىكانىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە كونتروللۇقىدا بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا پىرېزىدېنتلىق سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىنىڭ تاللايدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە جەنۇبىي كورېيەنىڭ 100 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) ۋە باشقا ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇمچە قىلدى. ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «جەنۇبىي كورېيە مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن زور سوممىلىق مەبلەغ ئاجرىتىشقا قوشۇلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ كېلىشىمگە ئاساسەن، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۆز بازارلىرىنى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل، يۈك ماشىنىلىرى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بەدىلىگە، جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئامېرىكاغا قىلىدىغان ئېكسپورتىدىن %15 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيەگە باجسىز كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھەپتە بېشىدا ترامپ ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان بىلەنمۇ سودا كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنىڭمۇ ئۆزى بېكىتكەن 1-ئاۋغۇست مۆھلىتىگىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى