تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن 1915-يىلقى ۋەقەلەرنى كوزىر قىلىۋېلىشىنى ئەيىبلىدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن 1915-يىلقى ۋەقەلەرنى كوزىر قىلىۋېلىشىنى ئەيىبلىدىئەنقەرە بۇ قەدەمنىڭ دىققەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرىدىن باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ۋە ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتە نېتانياھۇ دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن 1915-يىلقى ۋەقەلەرنى كوزىر قىلىۋېلىشىنى ئەيىبلىدى / Public domain

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ 1915-يىلقى ۋەقەلەرنى ئېتىراپ قىلىش قارارىنى ئەيىبلەپ، بۇ قارارنى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي قەدەم، دەپ سۈپەتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا پەلەستىن خەلقىگە قارىتا سىستېمىلىق زۇلۇم سېلىۋاتقان ۋە خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە غەززەلىكلەرگە قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، 1915-يىلقى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوبۇل قىلغان سىياسىي قارارى ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.»

مىنىستىرلىق، بۇ قارارنىڭ قانۇنىي ۋە تارىخىي ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمغانلىقىنى ھەمدە غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۈستىدىن تۇتقۇن قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىلغان نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ يانتاياقلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىمنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە، «ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان سىياسەتلىرى» گە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە «پەلەستىن خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارغا قارشى سادىر قىلغان جىنايەتلىرى» ئۈچۈن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ھېساب بېرىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھەر ئىككى تەرەپ ئازاب تارتىۋاتقان بىر تىراگېدىيە

1915-يىلقى ۋەقەلەرنىڭ دەپ ئاتالمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن تۈركىيە، بۇنى ھەر ئىككى تەرەپ تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر تىراگېدىيە، دەپ سۈپەتلىمەكتە.

ئەنقەرە ھازىرغىچە كۆپ قېتىم، بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە ئەرمېنىيەدىن كەلگەن تارىخچىلار بىلەن خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان قوشما كومىتېت قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى.

2014-يىلى، شۇ چاغدىكى باش مىنىستىر، نۆۋەتتىكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1915-يىلقى ۋەقەلەردە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەرمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە تەخمىنەن 73 مىڭ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە 173 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق رايوندىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ زور بىر قىسمىنى ۋەيران قىلغان بولۇپ، ئىنسانىي شارائىت يەنىلا ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالەتتە تۇرماقتا.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 2024-يىلى 21-نويابىر كۈنى غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن تۇتقۇن قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە پەلەستىنگە قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ