ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە كەشمىر مەسىلىسىدىكى ھىندىستان-پاكىستان تالاش-تارتىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جايشانكارغا ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىسھاق دار بىلەن كۆرۈشتى.
رۇسىيە كەشمىر مەسىلىسىدىكى ھىندىستان-پاكىستان تالاش-تارتىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ
Russia has been India's largest weapons provider for decades and New Delhi and Moscow have had close ties since Soviet times. / AP

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ پاكىستانلىق مەنسەپدىشى بىلەن كۆرۈشكەندە پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەشمىر جىددىيچىلىكىنى ھەل قىلىشقا رۇسىيەنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، لاۋروۋنىڭ پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىسھاق دار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «يېڭى دېھلى بىلەن ئىسلامئاباد ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۆرۈنەرلىك كەسكىنلىشىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى» دېيىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تېلېگرامما ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رۇسىيە 22-ئاپرېل كەشمىر ۋادىسىنىڭ پاھالگام رايونىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن پەيدا بولغان ۋەزىيەتنىڭ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشىغا تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى» دېيىلدى.

ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشنى خالىغان لاۋروۋنىڭ دار بىلەن كۆرۈشۈشى، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار بىلەن كۆرۈشۈپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئىشقا ئاستى.

نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار ئالدىنقى ھەپتە كەشمىر ۋادىسىدىكى تاغلىق ساياھەت رايونى پاھالگامدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 26 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.

مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان كەشمىر ھەر ئىككى دۆلەت تەلەپ قىىۋاتقان رايون بولۇپ، ئىلگىرى بىر قانچە ئۇرۇش، توپىلاڭ  يۈز بەرگەن ۋە دىپلوماتىيە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى.

رۇسىيە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ قورال بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ كەلدى، يېڭى دېھلى بىلەن موسكۋانىڭ قويۇق مۇناسىۋىتى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن باشلانغان ئىدى.

كەشمىر تالاش-تارتىشى

پاھالگام ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ بىر قاتار ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

ھىندىستان پاكىستاننىڭ سۇدىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھىندى دەرياسى شەرتنامىسىنى ۋاقتىنچە توختاتتى. ھەمدە بىردىنبىر ئوچۇق بولغان قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىنى تاقىدى. يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ پاكىستان پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ۋىزىلارنى بىكار قىلدى.

بۇنىڭغا قارىتا پاكىستانمۇ ھىندىستان پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ۋىزىلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە قارىتا ھاۋا بوشلۇقىنى تاقىدى، ھىندىستان بىلەن بولغان سودىنى توختاتتى ۋە ھىندىستان بىلەن سىملا كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويدى. 1972-يىلدىكى بۇ كېلىشىم تىنچلىق ئورنىتىش ۋە بولۇپمۇ كەشمىر ماجىراسىغا مەركەزلەشكەن ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان 1947-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىدىن مۇستەقىللىقلىرىنى قولغا كەلتۈرگەندىن بۇيان سابىق شاھلىق سالاھىيىتگە ئىگە بۇ رايون ئۈچۈن ئۆزئارا ئۇرۇشقان ئىدى.  چېگرا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئائىلىلەرنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن ئىدى.

ھىندىستان كونترول قىلىۋاتقان رايوندىكى قوزغىلاڭچىلار 1989-يىلدىن بۇيان توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، مۇستەقىللىق ياكى پاكىستان بىلەن بىرلىشىشنى تەلەپ قىلماقتا.

يېڭى دېھلى دائىرىلىرى ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كەشمىرگە تەخمىنەن 500 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇردى.

يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە، مودى ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان تەشكىلاتلارغا، نەشرىياتلارغا ۋە مەكتەپلەرگە بېسىمنى كۈچەيتتى. بۇ ئەھۋال پۈتكۈل رايوندا داۋالغۇش پەيدا قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستان تالاش-تارتىشلىق رايوندا كەشمىرلىك بولمىغان 82 مىڭ كىشىگە ئىقامەت گۇۋاھنامىسى تارقاتتى. بۇ ئىش قەستەن نوپۇس ئۆزگەرتىشكە قارىتا ئەندىشە ياراتتى.

پاھالگام ھۇجۇمىدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە 1500 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلار بولغان كەشمىر مۇسۇلمانلىرىغا ھىندى ئوڭ قانات گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدىمۇ خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز