پاكىستان ھىندىستان چىگرا بىخەتەرلىك خادىمىنى قايتۇرۇپ بەردى

پاكىستان تىنچلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن ھىندىستاننىڭ چىگرا بىخەتەرلىك خادىمىنى ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بەردى.

/ Reuters

پاكىستان ھىندىستان چىگرا بىخەتەرلىك خادىمىنى ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بەردى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان چارشەنبە كۈنى ئالدىنقى ئايدا پاكىستان زېمىنىغا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئەسىرگە چۈشكەن ھىندىستان چىگرا بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ بىر ئەسكىرىنى ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بەرگەن.

پۇرنام قۇمار شاۋ ئىسىملىك ھىندىستان چىگرا بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئەسكىرى 23-ئاپرېلدىن بۇيان پاكىستان چېگرا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نازارىتىدە ئىدى.

 ھىندىستان تەرەپنىڭ رەسمىي باياناتىغا قارىغاندا، بۇ ئەسكەر چارشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى ئامرىتسارغا جايلاشقان ئاتتارى بىرلەشمە تەكشۈرۈش پونكىتىدا ھىندىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

باياناتتا: «مەزكۇر ئەسكەر كېلىشىمگە ئاساسەن ھىندىستانغا ئامان – ئېسەن تاپشۇرۇپ بېرىلدى» دېيىلدى.

ھىندىستان ئەسكىرى ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئالدى بىلەن جىددىيچىلىك ئەۋەج ئېلىپ كەتكەن، ئارقىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلدى.

ئالدىنقى ھەپتە كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى 26 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان كەشمىرگە ھۇجۇم قىلىشى كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا راكېتا ۋە ئۇچقۇ ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى نەتىجىسىدە، جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكلەرگە خاتىمە بېرىلدى.

 ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنماقتا.